تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

گۈللەرنى قوغلىشىپ ئارزۇغا ئىنتىلىپ شىنجاڭغا نەزەر سېلىش | چاپچالدىكى پارنىكلاردا شاپتۇللار ھۈپپىدە چېچەكلىدى

ئاپتورى: خۇا يەنمىڭ

2-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى مىلياڭچۈەن خۇيزۇ يېزىسى مىلياڭچۈەن كەنتىدىكى پارنىكلاردا، ھۈپپىدە ئېچىلغان شاپتۇل چېچەكلىرى شۇنچىلىك چىرايلىق ۋە يۇمران ئىدى. ساياھەتچىلەر چېچەكلەر ئارىسىدا سۈرەتكە چۈشتى، باھار كېلىپ چېچەكلەر ئېچىلغان خۇشاللىنارلىق مەنزىرە نامايان بولدى.

«پورەكلەپ ئېچىلىپ كەتكەن شاپتۇل چېچەكلىرى ماڭا بىر خىل ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرە ئىچىگە كىرىپ قالغاندەك تۇيغۇ بەردى، كۆڭلۈم شۇنچىلىك ئازادىچىلىككە تولدى» دېدى غۇلجا شەھىرىدىن كەلگەن ساياھەتچى جاڭ سۈييىڭ.

مىلياڭچۈەن كەنتىدىكى باغۋەن ما شېڭشوۋنىڭ پارنىكتا توغاچ شاپتۇل ئۆستۈرۈۋاتقىنىغا ئون نەچچە يىل بولدى، ئۇنىڭ بەش پارنىكىنىڭ ھەربىرىدىن يىلىغا ئىككى توننىدىن ئارتۇق توغاچ شاپتۇل ھوسۇل ئالىدۇ، يىللىق كىرىمى 30 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ. ھازىر شاپتۇل راسا چېچەكلەيدىغان مەزگىل، ما شېڭشوۋ چاڭلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، توغاچ شاپتۇلنىڭ ھوسۇلى ۋە سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى. بۇ پارنىكتىكى توغاچ شاپتۇل مۆلچەرلىنىشىچە 5-ئاينىڭ ئاخىرىدا پىشىپ بازارغا سېلىنىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مىلياڭچۈەن كەنتى مەۋقەنى بايلىق ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، پارنىكتا مېۋىلىك دەرەخ ئۆستۈرۈش خاس كەسپىنى زورايتتى، ئەلالاشتۇردى، پۈتۈن كەنتتىكى 21 پارنىكتا توغاچ شاپتۇل، سېرىق شاپتۇل ۋە شۈيمىتاۋ قاتارلىق بالدۇر پىشىدىغان مېۋىلىك دەرەخلەر چېچەكلىدى.

(ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.