تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىت

شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى

    تىيانشان تورى خەۋىرى  3-ئاينىڭ 8-كۈنى، تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا جايلاشقان قايدۇ دەرياسىدا مۇزلار ئېرىگەن مەنزىرە پەيدا بولدى، چوڭ-كىچىك مۇزلار پارچىلىنىپ، ھەر خىل شەكىللەردە «قاتار تىزىلىشىپ» تۆۋەنگە قاراپ جىددىي ئاقتى، سۇغا مۇز ئارىلاشقان دەريا مەنزىرىسىگە دەريادا ئوزۇقلۇق ئىزدەۋاتقان سۇ قۇشلىرى قوشۇلۇپ گۈزەل بىر ئېكولوگىيە مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈردى.

3-ئاينىڭ 8-كۈنى، قايدۇ دەرياسىنىڭ باغراش ناھىيەسى بۆلىكىدىكى مۇزلار ئېرىگەن كۆرۈنۈش.

3-ئاينىڭ 8-كۈنى، قايدۇ دەرياسىنىڭ باغراش ناھىيەسى بۆلىكىدىكى مۇزلار ئېرىگەن كۆرۈنۈش.

3-ئاينىڭ 8-كۈنى، قايدۇ دەرياسىنىڭ باغراش ناھىيەسى بۆلىكىدىكى مۇزلار ئېرىگەن كۆرۈنۈش.

3-ئاينىڭ 8-كۈنى، قايدۇ دەرياسىنىڭ باغراش ناھىيەسى بۆلىكىدىكى مۇزلار ئېرىگەن كۆرۈنۈش. 

  قايدۇ دەرياسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 610 كىلومېتىر بولۇپ، خېجىڭ ناھىيەسى، خوشۇت ناھىيەسى، يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى، باغراش ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردىن ئېقىپ ئۆتۈپ، ئاخىرىدا باغراش كۆلىگە قۇيۇلۇپ، تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈشتەك مۇھىم ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان.

3-ئاينىڭ 8-كۈنى، دەريادا ئوينىشىۋاتقان، ئوزۇقلۇق ئىزدەۋاتقان سۇ قۇشلىرى.

3-ئاينىڭ 8-كۈنى، دەريادا ئوينىشىۋاتقان، ئوزۇق ئىزدەۋاتقان سۇ قۇشلىرى.

3-ئاينىڭ 8-كۈنى، قايدۇ دەرياسىنىڭ باغراش ناھىيەسى بۆلىكىدىكى مۇزلار ئېرىگەن كۆرۈنۈش. 

      يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باغراش ناھىيەسى قايدۇ دەرياسى ۋادىسىنىڭ سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن ناھىيەنىڭ كۈچىنى چىقىرىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، پۈتۈن رايون ساياھىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، «ئەتىيازدا گۈلدىن ھۇزۇرلىنىش، يازدا سالقىنداش، كۈزدە قۇشلارنى تاماشا قىلىش، قىشتا قارنى تاماشا قىلىش»تىن ئىبارەت ساياھەت تەسىراتى ئۇسۇلىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈپ، ساياھەتچىلەرنى بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە قايدۇ دەرياسى بويىدا ئوخشاش بولمىغان مەنزىرىلەرنى ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

(ئىختىيارىي مۇخبىر نيەن لېي)  

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.