تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار

3-ئاينىڭ 6-كۈنى سەھەردە، تىجارەتچىلەر ئۈرۈمچى شەھىرى شىنليەن يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ئۇنىۋېرسال بازىرىدا كۆكتات توشۇماقتا. بۇ چاغدا قۇياش ئەمدىلا كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇنىۋېرسال بازار ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئاۋازلار بىلەن تولغانىدى.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

3-ئاينىڭ 7-كۈنى سەھەردە، قاتناش ساقچىسى قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونىنىڭ شەھەر يولىدا قاتناشقا قوماندانلىق قىلماقتا.

ساۋ شىنجيا فوتوسى

3-ئاينىڭ 4-كۈنى، سەھەردە تۇنجى قۇياش نۇرى جۇڭگو نېفىتى شىنجاڭ نېفىتلىك شۆبە شىركىتى خۇڭسەن نېفىتلىكى مەشغۇلات رايونىغا چۈشتى، نېفىت ئېلىش ئىشچىلىرى يىغىلىپ قالغان قارلارنى كېچىپ بىر كۈنلۈك چارلاش مەشغۇلاتىنى باشلىدى.

مىن يۇڭ فوتوسى


3-ئاينىڭ 6-كۈنى ئالاتاۋ ۋوگزالىدا، بىر جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى تاڭ قۇياشىغا ئەگىشىپ ئاستا-ئاستا گۇرۇپپىلاش ۋوگزالىدىن چىقتى.

سۇڭ يۈلۇڭ فوتوسى

3-ئاينىڭ 7-كۈنى سەھەردە، باۋگاڭ گۇرۇھى شىنجاڭ 1-ئاۋغۇست پولات-تۆمۈر چەكلىك شىركىتى پولات پىروكاتلاش زاۋۇتىنىڭ ئاقما لىنىيەسىدە، شەكىلگە كەلتۈرۈلگەن پولات ماتېرىياللىرى ئۈزلۈكسىز يەر ئاستى لىنىيەسىگە چۈشمەكتە.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

3-ئاينىڭ 7-كۈنى، كۇچا شەھىرى بېھىشباغ يېزىسى يېزىسىدىكى پارتىيەلىك پىدائىيلار بۇ يېزىنىڭ چىنىباغ كەنتىدىكى يېمەكلىك زەمبۇرۇغى تېرىقچىلىق بازىسىدا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق پىڭگۇنى تونۇشتۇرۇشىغا ياردەم بەردى.

ۋۇ لې فوتوسى


    ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتىنىڭ مۇخبىرى رېن جياڭ

    تۇنجى تاڭ نۇرى ئۇپۇق سىزىقىنى كېسىپ ئۆتۈپ، كەڭ جاھانغا چېچىلغاندا، تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار تاڭ نۇرىغا چۆمۈلۈپ، ئالدىراش بىر كۈننى باشلىدى.

   يىلنىڭ بېشى باھاردىن، بىر كۈنلۈك ئىش سەھەردىن باشلىنىدۇ. ئېگىز بۇرغىلاش قۇدۇقى ئاستىدا، گۈلدۈرلىگەن ماشىنىلارنىڭ يېنىدا، بىپايان دالىدا، شاۋقۇن-سۈرەن كۆتۈرۈلگەن بازاردا... كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ جاپالىق ئەمگىكىنىڭ سىيماسى بار، ئۇلار ئەمگەكچان بىر جۈپ قولى، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش ھەرىكىتى ئارقىلىق كىشىلىك ھاياتنىڭ شانلىق سەھپىسىنى پۈتۈپ، دەۋرنى يورۇتتى. ئۇلار ھەر كۈنى، ھەر يىلى كۈرەش قىلىش ئارقىلىق كەلگۈسىگە ئېرىشىدۇ. كۈرەش داۋامىدا، ئۇلار ئۆزىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدۇ؛ كۈرەش داۋامىدا، ئۇلار چاقناپ تۇرىدىغان نۇر چاچقۇچىغا ئايلىنىپ، يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان قەدىمىنى تېخىمۇ پۇختا، كۈچلۈك ئالىدۇ.

​   تاڭ نۇرىنى قوغلىشىپ، ۋاقىت بىلەن بەسلىشىش. ھەربىر كۈرەش قىلغۇچىنىڭ ھەممىسى ئاددىي قەھرىمان بولۇپ، ئەڭ ئاددىي-ساددا ھەرىكىتى ئارقىلىق يېڭى دەۋرنىڭ چەكسىز شان-شەرىپىنى نامايان قىلىدۇ. ھەر كۈنى تاڭ نۇرىدا، قۇياش نۇرىغا چۆمۈلگەن كۈرەش قىلغۇچىلارغا ئېھتىرام بىلدۈرىمىز. يېڭى دەۋردىكى ھەربىر كۈرەش قىلغۇچى ئەڭ گۈزەل مەنزىرە، يېڭى دەۋردىكى ئەڭ مەدھىيەلەشكە ئەرزىيدىغان كۈچتۇر.

«شىنجاڭ گېزىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.