تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى

  يېقىندا، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى مىڭدې باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ قەغەز قىيما ئىشخانىسىغا كىرگەندە، نەپىس قەغەز قىيمىلار كۆزلەرگە تاشلىنىپ، ئۆزگىچە بەدىئىي سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى. 2020-يىلى، گۇاڭجوۋدىن كېلىپ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچى شيې شيۇجۇنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، كوناشەھەر ناھىيەسى مىڭدې باشلانغۇچ مەكتىپىدە شيې شيۇجۇ قەغەز قىيما ئىشخانىسى ۋە قەغەز قىيما خاس كۇرۇژۇكى قۇرۇلدى. ھازىر، مىڭدې باشلانغۇچ مەكتىپىدە قەغەز قىيما ئوقۇتقۇچىسىدىن 30 نەچچىسى بار بولۇپ، 300دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى قەغەز قىيما كۇرۇژۇكىغا قاتنىشىشقا تىزىملاتتى. (ئىختىيارىي مۇخبىر ئايشەمگۈل ھەسەن)

قەغەز قىيما ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلارغا ئويما پىچىقىنى ئىشلىتىپ قەغەزگە گۈل قىيىپ ئويۇشنى ئۆگەتمەكتە. كوناشەھەر ناھىيەسى مىڭدې باشلانغۇچ مەكتىپى يەنە قەغەز قىيما خاس سىنىپى، تۇخۇم ئويمىسى، تېرە قونچاق ئويۇنى، خەتتاتلىق قاتارلىق سەككىز ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت-سەنئەت خاس سىنىپى تەسىس قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇردى.

ئوقۇغۇچىلار پۈتۈن زېھنى بىلەن قەغەز قىيما ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلماقتا.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.