خۇنەن گېزىتى. شىنخۇنەن تېرمىنالى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ كېفېڭ خەۋەر قىلىدۇ): 7-ئاينىڭ 24-كۈنى كەچتە، 5000 قاپ سوقماق قاتارلىق قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرى قاچىلانغان ئاپتوموبىل يۇڭجوۋ شەھىرىدىن يولغا چىقىپ، خېنەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن كېچىلەپ يۈرۈپ كەتتى.
بۇ يىل 31 ياشقا كىرگەن ئادىل مەمەتتۆرە شىنجاڭدىكى «سوقماقچى» ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، شىنجاڭ ۋە خۇنەندە يېمەكلىك كارخانىسى قۇرغان. سوقماق سېتىپ نام چىقارغانلىقتىن، «سوقماق شاھزادىسى» دەپ ئاتالغان. خېنەننىڭ ئاپەت ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئادىل مەمەتتۆرە ئۈرۈمچىدىن كېچىلەپ يۇڭجوۋ شەھىرىدىكى زاۋۇتىغا باردى. ئۇ ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىلەن بىرلىكتە ئىسكىلاتتىكى بارلىق خام ماتېرىياللارنى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈپ، بىر كېچە-كۈندۈز جىددىي ئىشلەپ، 5000 قاپ سوقماقنى ئوڭۇشلۇق ياساپ چىقتى. بۇ سوقماقلار «خۇيا جۇبو»نىڭ قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرى بىلەن بىللە ئاپتوموبىلغا قاچىلانغاندىن كېيىن، شۇ كۈنى كەچتە يۇڭجوۋ شەھىرىدىن يولغا چىقىپ، شىمالغا قاراپ مېڭىپ ئاپەت يۈزبەرگەن رايونغا يۈرۈپ كەتتى.
ماددىي ئەشيا قاچىلانغان ئاپتوموبىل.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتە خېنەنگە يەتكۈزۈلگەن.