2021-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى، چىڭخەي ئۆلكىسى خەينەن زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى گۇڭخې ناھىيەسىدە سۈرەتكە تارتىلغان لۇڭياڭشيا سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى.
لۇڭياڭشيا سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى خۇاڭخې دەرياسى يۇقىرى ئېقىنىدىكى تۇنجى چوڭ تىپتىكى پەلەمپەيسىمان ئېلېكتىر ئىستانسىسى بولۇپ، «تۈمەن چاقىرىملىق خۇاڭخې دەرياسىدىكى بىرىنچى توسما» دېگەن گۈزەل نامى بار. 1987-يىلى تۇنجى گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، لۇڭياڭشيا سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى غەربىي شىمال ئېلېكتىر تورىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى تەڭشەش، چاستوتىسىنى تەڭشەش ۋە تۆۋەن ئېقىندا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، مۇز كەپلىشىپ قېلىشتىن ساقلىنىش، سۇغىرىش ۋە تۆۋەن ئېقىندا ئېقىن ئۈزۈلۈپ قېلىشنى پەسەيتىشتە مۇھىم رول ئوينىماقتا.
ما مىڭيەن فوتوسى (视觉中国)
چىڭخەي لۇڭياڭشيا سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا زىيارەت.
«خەلق تورى»دىن تەرجىمە قىلىندى