تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

قاراقاش ناھىيەسى: يېڭى پېتى ساقلاش ئىسكىلاتى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى

  ئانار بۇلۇت:قاراقاش ناھىيەسى يېڭى پېتى ساقلاش ئىسكىلاتى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئوبوروت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى.

  قاراقاش ناھىيەسى قاراقاش بازىرى يېڭى بازار كەنتى يېڭى پېتى ساقلاش ئىسكىلاتىدا، كەنت ئاھالىسى ئەخمەتجان تۇرا ياڭيۇ ئوراش بىلەن ئالدىراش ئىدى. ئەخمەتجان تۇرانىڭ ئىككى يېڭى پېتى ساقلاش ئىسكىلاتىدا جەمئىي 63 توننا سەۋزە، 30 توننا ياڭيۇ بار بولۇپ، مۇۋاپىق ۋاقىت ئارىلىقى قالدۇرۇپ سېتىش ئارقىلىق، ئەخمەتجان تۇرانىڭ بۇ يىللىق كىرىمى 100 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولدى.

  ھەر بىر يېڭى پېتى ساقلاش ئىسكىلاتىنىڭ كۆلىمى 80 كىۋادرات مېتىر، ساقلاش سىغىمى 50 توننا. ھۆكۈمەت ھەر بىر يېڭى پېتى ساقلاش ئىسكىلاتىغا 130 مىڭ يۈەن تولۇقلىما بەردى، دېھقانلار پەقەت 20 مىڭ يۈەنلا چىقاردى. ئەخمەتجان تۇرا مۇنداق دېدى: «ھۆكۈمەت بىزگە يېڭى پېتى ساقلاش ئىسكىلاتى قۇرۇپ بەردى، مەن كۆكتاتلارنى يېڭى پېتى ساقلاش ئىسكىلاتىدا ساقلىسام سېسىپ كەتمەيدىكەن، ناھايىتى يېڭى پېتى تۇرىدىكەن ھەم بازاردا ياخشى باھادا ساتالايدىكەنمەن».

  زاۋا بازىرى خېنى كەنتىدە ھەر يىلى 120 نەچچە ئائىلىلىك دېھقان سەۋزە، لازا قاتارلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى تېرىيدۇ، تېرىش كۆلىمى 300 مودىن ئاشىدۇ. ھەر يىلى كۈزلۈك كۆكتاتلار بازارغا سېلىنغاندا، كۆكتات مىقدارى كۆپ، باھاسى تۆۋەن بولىدۇ. دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، 2018-يىلى 7-ئايدا، خېنى كەنتى جەمئىي سەككىز ئېغىز سوغۇق ساقلاش ئۆيى سالدى، ھەربىر ئېغىز ئۆينىڭ زاپاس ساقلاش مىقدارى 50 توننا بولۇپ، خېنى كەنتى ھەم ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى كەسپىگە مۇلازىمەت قىلدى. يېڭى پېتى ساقلاش يېڭى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ساقلاش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. خېنى كەنتى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى مەمەتئېلى غوجىھاشىم مۇنداق دېدى: «ھازىر توڭلىتىش ئىسكىلاتىدا سەۋزە، يۇۋبەسەي قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1000 توننا كۆكتات بار، ئاساسلىقى قەشقەر، ئاقسۇ، كورلا قاتارلىق جايلارغا سېتىلىدۇ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىزنىڭ يىللىق كىرىمى تەخمىنەن 300 مىڭ يۈەندىن 400 مىڭ يۈەنگىچە».

  بۇ يىل، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ «كۈزلۈك، قىشلىق كۆكتات» تېرىلغۇ كۆلىمى 102 مىڭ 600 موغا، مەھسۇلات مىقدارى 169 مىڭ 400 توننىغا، پۈتۈن ناھىيەدە يېڭى پېتى ساقلاش ئىسكىلاتى 236گە، ساقلاش سىغىمى 11 مىڭ 800 توننىغا يەتتى. قىشلىق، ئەتىيازلىق كۆكتات زاپىسى «كۆك-تاق»نىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، قىشلىق، ئەتىيازلىق كۆكتات بازىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قاراقاش ناھىيەسى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش قاتارلىق جەھەتلەردە قىشلىق، ئەتىيازلىق كۆكتات زاپىسىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتتى ھەمدە ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، زاپاس كۆكتات سۈپىتىنىڭ لاياقەتلىك، زاپاس ساقلاش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، زاپاس كۆكتاتنى تەڭشەش، ساقلاش، سېتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

مەنبە: قاراقاش ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى