تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«ئاچچىق ئىقتىساد» كىرىمنى ئاشۇرۇشتىكى مەخپىي رېتسېپقا ئايلاندى

يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ ساغان بازىرى:

«ئاچچىق ئىقتىساد» كىرىمنى ئاشۇرۇشتىكى مەخپىي رېتسېپقا ئايلاندى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن چىنيەن

2 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، يېڭىسار ناھىيەسى ساغان بازىرى ئاقباغ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مەيخان روزى ئائىلىسىنىڭ ئېتىزلىقىدا، ئاق رەڭلىك سولياۋ يوپۇق ئاستىدىكى سامساق مايسىلىرى بوي تارتىپ ئۆسۈۋاتقان بولۇپ، قېنىق يېشىل سامساق يوپۇرماقلىرى كەلگۈسىدىكى مول ھوسۇلدىن دېرەك بېرىپ تۇراتتى.

«بۇ سامساق مايسىلىرىدىن بۇ يىل 5 - ئاينىڭ ئاخىرىدىلا ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ.» كەنت ئاھالىلىرىنى باشلاپ سامساق مايسىلىرىنى تەكشۈرۈۋاتقان شەندۇڭدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر، ساغان بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى شياۋچاڭ مۇنداق دېدى: «سامساقتىن ھوسۇل ئالغاندىن كېيىن ئورنىغا لازا تېرىيمىز».

بىر قېتىمدا سامساق، بىر قېتىمدا لازا تېرىش، بۇ، «نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش» دېيىلىدۇ. تەجرىبىلىك كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى ئېتىزدىكى زىرائەتلەرنى ئۆزگەرتمەي بىر قېلىپقا سېلىۋېلىپ تېرىشقا بولمايدىغانلىقىنى، «نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىغان»دا ئاندىن تېخىمۇ ياخشى ئۆسىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.

مەيخان روزى ئائىلىسىنىڭ ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىدىن ھاللىق تۇرمۇش كەچۈرۈشىگىچە بولغان بۇ خىل پەرق ئۇنى چەكسىز ھاياجانلاندۇردى: «تۇرمۇش كەچۈرۈش بىلەن زىرائەت تېرىشنىڭ داۋلىسى ئوخشاش، ھەممىسىدە توغرا <نۆۋەتلەشتۈرۈش> كېرەك، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى كۆكتات تېرىشقا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇق، شەندۇڭدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلارنىڭ يېتەكلىگەنلىكىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز».

مەيخان روزى ئائىلىسىدىكى ئۈچ جاننىڭ 4.5 مو تېرىلغۇ يېرى بار بولۇپ بۇلتۇر بىر قېتىمدا ئالاھىدە ئاچچىق (پىگمېنتلىق) لازا تېرىپلا 15 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى.

يېڭىسار ناھىيەسى ئىلگىرى بىرمەھەل نامرات نوپۇس كۆپ، نامراتلىق دەرىجىسى ئېغىر، نامراتلىشىش سەۋەبى مۇرەككەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قىيىن بولۇش سەۋەبىدىن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدىكى يېڭىش ئەڭ قىيىن بولغان قاتتىق قىيىنچىلىقلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغانىدى. بۈگۈنكى كۈندە كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ تەڭشىلىشىگە ئەگىشىپ، نامرات ئائىلىلەر خاس دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى تېرىش ئارقىلىق يېڭى تۇرمۇشقا ئېرىشتى.

ئىلگىرى، مەيخان روزى ئائىلىسىدىكىلەر بۇغداي، كۆممىقوناق تېرىپ، ئېتىز - ئېرىق ئىشلىرىنى تۈگىتىپلا ناھىيە بازىرىغا بېرىپ ئىشلەمچىلىك قىلغان بولسىمۇ، لېكىن نامراتلىق قىياپىتى يەنىلا ئۆزگەرمىگەنىدى.

«بۇنداق ئۆتۈۋېرىشكە بولمايدۇ، پىكىر يولىنى ئۆزگەرتىش كېرەك.» 2020 - يىلى 3 - ئايدا، شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر لى شياۋچاڭ ساغان بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كەنت ئاھالىلىرىنى ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشكە يېتەكلىدى.

ساغان بازىرىغا كەلگەندىن كېيىن، لى شياۋچاڭ پۈتۈن بازاردىكى 21 كەنتنى ئارىلاپ، شەندۇڭدا پىشىپ يېتىلگەن كۆكتات تېرىش تېخنىكىسىنى ساغان بازىرىغا كىرگۈزۈپ، «سامساق + ئالاھىدە ئاچچىق لازا» نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش ئەندىزىسى ئارقىلىق، «ئاچچىق ئىقتىساد»نى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىشنى پىلانلىدى.

«ئالاھىدە ئاچچىق لازىنى بىز تېرىپ باقمىغان، كىم تېرىيالايدۇ؟»

«ئالاھىدە ئاچچىق لازا تېرىپ پۇل تاپقىلى بولارمۇ؟»

كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەندىشىسىنى تۈگىتىش ئۈچۈن، لى شياۋچاڭ دائىم كەنتلەرگە بېرىپ ئائىلىلەرگە كىرىپ كەنت ئاھالىلىرىگە خىزمەت ئىشلىدى، يەنە شەندۇڭدىن تېخنىك خادىم تەكلىپ قىلىپ، ساغان بازىرىدا 800 مو يەرگە ئالاھىدە ئاچچىق لازىنى سىناق قىلىپ تېرىدى.

«سىناق قىلىپ تېرىلغان 800 مو يەردىكى ئالاھىدە ئاچچىق لازىنىڭ مو بېشىدىن 3000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىندى. لازا تېرىغان كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پۇل تاپقانلىقىنى كۆرۈپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەندىشىسىمۇ تۈگەپ، بەس - بەستە لازا تېرىشنى تەلەپ قىلدى» دېدى لى شياۋچاڭ.

«بىز شەندۇڭدىكى بىر كارخانا بىلەن ئالاھىدە ئاچچىق لازا سېتىۋېلىش - سېتىش توختامى ئىمزالىدۇق، ھەر كىلوگىرامىنىڭ سېتىۋېلىش باھاسى ئون يۈەندىن تۆۋەن بولمايدۇ» دېدى ساغان بازارلىق يېزا خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ئوبۇلقاسىم ئەخمەت.

بىر قېتىمدا لازا تېرىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئۇلاپ سامساق تېرىپ مەيخان روزى ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى. «بۇلتۇر لازىنى يىغىپ بولغاندىن كېيىن، يېزىدىن سولياۋ يوپۇق يېپىپ سامساق تېرىڭلار دېدى، يېرىمىزنىڭ ھەممىسىگە سامساق تېرىدۇق» دېدى مەيخان روزى خۇشال ھالدا.

بۇلتۇر 7 - ئايدا، ساغان بازىرى شەندۇڭدىن يەنە 150 توننىدىن ئارتۇق سامساق ئۇرۇقى سېتىۋېلىپ، ئۈچ تېخنىك خادىم تەكلىپ قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سامساق تېرىشىغا پۈتۈن جەريانلىق يېتەكچىلىك قىلدۇردى.

« <ئالاھىدە ئاچچىق لازا + سامساق> نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش ئەندىزىسى بويىچە سامساق تېرىغاندا، ئادەتتىكى يىللاردا مو بېشىدىن 2000 كىلوگىرامدىن ئارتۇق سامساق يىغىۋالغىلى بولىدۇ، ھەر كىلوگىرامىنىڭ باھاسى 2.5 يۈەن بولۇپ، بىر مو يەردىن 5000 يۈەن كىرىم قىلغىلى بولىدۇ.» مەيخان روزى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: سامساقنى يىغىپ بولۇپ لازا تېرىغاندا بىر مو يەردىن يىلىغا 8000 يۈەن كىرىم قىلغىلى بولىدۇ.

«كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى، ھېلىمۇ ياخشى شەندۇڭدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلار بار ئىكەن!» دېدى ئوبۇلقاسىم.

بۈگۈنكى كۈندە، يېڭىساردا سامساق، ئالاھىدە ئاچچىق لازا تېرىش كۆلىمى بارغانسېرى كېڭەيدى، «ئاچچىق ئىقتىساد»نى چۆرىدىگەن كارخانىلارمۇ بەس - بەستە ماكانلاشتى، قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى بولغان بىر كۆكتات كەسىپ زەنجىرى شەكىللەنمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى