تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

كەنتتىكى چاغانلىق جەم بولۇش تامىقى بارغانسېرى مەززىلىك تېتىدى

چاغان مەزگىلىدە، ليۇ گاڭ (ئوڭدىن 2-كىشى) كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەملىشىپ دۈيليەن چاپلىدى.

سۈرەتنى ليۇ گاڭ تەمىنلىگەن

تىيانشان تورى خەۋىرى (چىن جىنلى خەۋىرى): چاغاننىڭ بىرىنچى كۈنى چۈشتە، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسى ياندۇما يېزىسى ئاياغ چىگەتۇغ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئىمىن قاسىمنىڭ ئۆيىدە قوي گۆشى چىڭسەي قىيمىلىق، جيۇسەي تۇخۇم قىيمىلىق جياۋزىلار ئۈستەلگە تىزىلغانىدى، كۆپچىلىك جەم بولۇش تامىقى يەپ، پاراڭلىشىپ، خۇشال-خوراملىققا چۆمدى.

ئىمىن قاسىمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن چاغان ئۆتكۈزۈۋاتقان كىشى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسى ياندۇرما يېزىسى ئاياغ چىگەتۇغ كەنتىنىڭ 1-شۇجىسى ليۇ گاڭ ۋە خىزمەت ئەترىتىدىكى خىزمەتداشلار ئىدى. تۇنجى كۈنى ئىمىننىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، چاغاننىڭ بىرىنچى كۈنى ئەتىگەندە ليۇگاڭ كۆكتات ۋە گۆش سېتىۋېلىپ ئىمىننىڭ ئۆيىگە كېلىپ، بىرلىكتە جياۋزى تۈگۈپ چاغان ئۆتكۈزدى.

چاغاننىڭ بىرىنچى كۈنى، ليۇ گاڭ (ئوڭدىن 1-كىشى) كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيىدە جياۋزى تۈگمەكتە.

سۈرەتنى ليۇ گاڭ تەمىنلىگەن

«بۇلتۇر ئائىلىمىزنىڭ كىرىمى 90 مىڭغا يۈەنگە يەتتى، رەھمەت ئېيتىشتىن باشقا، مىننەتدارلىقىمىزنى قانداق ئىپادىلەشنى بىلەلمەي قالدۇق» دېدى ئىمىن. ئۈچ يىلدىن بۇيان، خىزمەت ئەترىتى تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىمىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەنت ئاھالىلىرىنىڭ باقمىچىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا ياردەم بەردى، يەنە ئىمىن ئەر-خوتۇننىڭ كەنتتىكى قۇرۇلۇش ئەترىتى ۋە كىيىم-كېچەك زاۋۇتىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىپ، تەدرىجىي نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى.

«رەھمەت ئېيتىشنىڭ ھاجىتى يوق، يۇرتداشلارنىڭ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشى بىز ئەڭ خۇشال بولىدىغان ئىش!» دېدى ليۇ گاڭ ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ.

بۇ ليۇ گاڭ 2018-يىلى 2-ئايدا ئاياغ چىگەتۇغ كەنتىگە كەلگەندىن بۇيان، يۇرتداشلار بىلەن بىللە يېگەن 4-قېتىملىق چاغانلىق جەم بولۇش تامىقى. «يۇرتداشلارنىڭ كۈنلىرىنىڭ يىلدىن-يىلغا ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمىزدە، جەم بولۇش تامىقىنىڭ بارغانسېرى مەززىلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز» دېدى ليۇ گاڭ.

ليۇ گاڭ كەنتكە كەلگەندىن كېيىن، باشتىن-ئاخىر ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى بىر چوڭ ئىش دەپ قارىدى، ئۇ خىزمەتداشلىرى بىلەن ناھىيە بازىرىدىكى كارخانىلارنى كەنتكە كېلىپ خىزمەتچى تەكلىپ قىلىشقا ئۈزلۈكسىز تەكلىپ قىلدى، بەزىدە يەنە ئەتراپتىكى ناھىيە، شەھەر قاتارلىق جايلارغا بېرىپ كەنت ئاھالىلىرىگە پۇرسەت تېپىپ بەردى.

بۇ يىل چاغاندا، ليۇ گاڭ چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنىدىن باشلاپ بىر نەچچە كۈن ئالدىراش بولدى، كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەملىشىپ چاغانلىق چۇنليەن چاپلاپ، پانۇس ئېسىپ، چاغانلىق مال سېتىۋېلىپ، پۈتۈن كەنتتە چوڭ تازىلىق قىلىشنى ماسلاشتۇردى. قاتار-قاتار رەتلىك سېلىنغان ئەمىن ئۆيلەرگە قاراپ، پات-پات ھويلىدىن ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان كۈلكە ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ليۇ گاڭنىڭ كەيپىياتى خۇشال بولدى ھەم كۆزىگە ئىسسىق ياش كەلدى. «خۇشال بولغىنىم شۇكى، يۇرتداشلار ياخشى كۈنگە ئېرىشتى. قىيالمايدىغىنىم شۇكى، بۇ يىل 3-ئاينىڭ ئاخىرىدا مېنىڭ كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىم ئاخىرلىشىدۇ. ھەر كۈنى بىللە يۈرۈپ، يۇرتداشلار ئاللىبۇرۇن مېنىڭ ئائىلەمدىكىلەرگە ئايلاندى» دېدى ليۇ گاڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى