تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە بايرىقى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئاساسىي جەڭ مەيدانىدا ئېگىز جەۋلان قىلدى

− ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانا ۋاقىتلىق پارتىيە كومىتېتى توغرىسىدا

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چاۋ جىن

2020 - يىلى 7 - ئايدا، ئۈرۈمچىنى بىر مەيدان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تۇمانى قاپلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى كەسكىنلىك بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنى تەشكىللەپ قۇرۇشنى ھەم دوختۇرخانا ۋاقىتلىق پارتىيە كومىتېتى قۇرۇشنى قارار قىلدى.

ۋاقىتلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ رولى «ۋاقىتلىق ئەمەس». ۋىرۇس بىلەن بىۋاسىتە كۈرەش قىلىش، ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇش ئاساسىي جەڭ مەيدانىدا بېكىتىلگەن دوختۇرخانا ۋاقىتلىق پارتىيە كومىتېتى 2023 نەپەر تېببىي خىزمەتچىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ۋىرۇسنىڭ «گېلىدىن» چىڭ بوغۇپ، تېنى بىلەن ئاغرىقلارنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىنى قوغدايدىغان پولات سېپىل قۇرۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى دېگەن نامغا ئېرىشتى.

كۈچنى بىرتۇتاش توپلاپ، كېچە - كۈندۈز جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىش

«ۋاقىتلىق پارتىيە كومىتېتى كۈچنى بىرتۇتاش جۇغلاپ، كېچە - كۈندۈز جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، پەقەت ئۈچ كۈندىلا ئەسلىدىكى 6 - خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلارنى يۆتكەپ توشۇش خىزمىتىنى تاماملىدى، ئۈچ كېچە - كۈندۈزدىلا تۆت كېسەلخانا بىناسىدىكى 21 كېسەل رايونىنى ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىنى تاماملىدى.» ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانا ۋاقىتلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى يۈ ئەيپىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ۋاقىتلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، دوختۇرخانا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلارنى قوبۇل قىلىپ داۋالايدىغان كارىۋات ئورنىنى 282 دىن تېز سۈرئەتتە 883كە كۆپەيتتى، ئېغىر ئاغرىق كارىۋىتى ئورنىنى 26دىن تېز سۈرئەتتە 55كە كۆپەيتتى ھەم ECMO، نەپەسلەندۈرۈش ئاپپاراتى، كۆچمە CT، قاندىكى ئوكسىگېننى كۆزىتىش - ئۆلچەش ئاپپاراتى، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تېز تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى قاتارلىق تېببىي داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ۋە خورىما ماتېرىياللارنى جىددىي سەپلەپ تولۇقلاپ، ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش خىزمىتىگە پۇختا ئاساس سالدى.

«بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنى قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش ۋە قۇرۇشتا دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئېرىشتۇق، بۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىش، قىيىن ئىشلارنى قىلىش، جىددىي ئىشلارنى قىلىشتەك ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى» دېدى يۈ ئەيپىڭ.

ئىلمىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش مېخانىزمى ئورنىتىش

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرىنىڭ تەدرىجىي كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ قۇتقۇزۇش - داۋالاش خىزمىتىمۇ بارغانسېرى قىيىنلاشتى. ئاچقۇچلۇق ۋاقىتتا، خەتەرلىك پەيتتە، پارتىيە تەشكىلاتى تايانچ بولدى. يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ئاغرىقلار رايونىدا 33 ۋاقىتلىق پارتىيە ياچېيكىسى قۇرۇلدى، 613 پارتىيە ئەزاسى ئاتاكىدا ئالدىغا ئۆتتى، قۇتقۇزۇش - داۋالاشنىڭ بىرىنچى سېپىدە 103 پارتىيە ئەزاسى تەرەققىي قىلدۇرۇلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى نەپەس يولى كېسەللىكلىرى ۋە خەتەرلىك، ئېغىر كېسەللەر تېببىي مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى نيۇ لىڭ مۇداپىئە كىيىمىگە «مەن پارتىيە ئەزاسى» دېگەن تۆت چوڭ خەتنى يازدى. ئۇ ئۆتكەلنى ئالدىغا يۆتكەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىنچىكە داۋالاش ئارقىلىق ئاغرىقلارنىڭ «يېنىك دەرىجىدىن ئېغىر دەرىجىگە ئۆزگىرىشى»نىڭ ئالدىنى ئالدى. «پارتىيە ئەزالىرى خەتەرلىك پەيتتە ئوتتۇرىغا چىقالايدىغان، تاقابىل تۇرالايدىغان بولۇشى كېرەك» دېدى ئۇ.

ئۈلگە كۆرسىتىشنىڭ ئۆزى ئۈنسىز يېتەكلەشتۇر. پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى دوختۇرخانىسى ئىچكى كېسەللىكلەر 4 - بۆلۈمىنىڭ سېسترالار باشلىقى لى يۈەنيۈەن ئاغرىقلارنى كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇردى، ئۇ ئۇنىۋېرسال سېسترالارنى يېتەكلەپ ئاغرىقلارنى يېقىن كىشىلىرىدەك كۆرۈپ، كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ ھالىدىن خەۋەر ئالدى.

پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولى پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ چاقىرىق كۈچى، ئۇيۇشتۇرۇش كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇردى، بىر تۈركۈم پارتىيەگە كىرىش ئاكتىپلىرى يۇقۇم جەريانىدا تاۋلاندى. ۋاقىتلىق پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بارلىق داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا ئەڭ كۈچلۈك ئىشەنچ بېغىشلىدى.

ۋاقىتلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بېكىتىلگەن دوختۇرخانا مۇتەخەسسىسلەر بىرلىشىپ دىياگنوز قويۇپ، تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇتەخەسسىسلىرىدىن تەشكىللەنگەن بىرلەشمە مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ھەر كۈنى ئىككى قېتىم تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم قىلىش ۋە بىرلىشىپ دىياگنوز قويۇشتا چىڭ تۇردى. كۆپ پەندىكىلەر بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، يەتتە كۆپ پەن مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، دەل جايىدا داۋالاش ئېلىپ باردى. يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىپ، تېببىي ئىشلار، پەرۋىش قىلىش، دوختۇرخانا ئىچىدە يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ئالتە چوڭ تارماق قۇرۇپ، تۈزۈم، تەرتىپتىن 155 تۈرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بېكىتىلگەن دوختۇرخانا، زاپاس دوختۇرخانا، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دوختۇرخانىسىدىن ئىبارەت ئۈچ دوختۇرخانىنىڭ بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. كۆڭۈل بۆلۈش، غەمخورلۇق قىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كۆڭۈل بۆلۈش، غەمخورلۇق قىلىش مەخسۇس بەنى قۇرۇپ، بەنلەرنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، جۇڭيى دورىسى قايناتمىسى تارقىتىپ، پىسخىكىلىق يېتەكچىلىكنى قانات يايدۇرۇپ، بىرگە بىر ياردەم بېرىپ، يۆلەپ 270تىن ئارتۇق قىيىنچىلىقنى ھەل قىلدى.

پارتىيە ئەزالىرى ئەڭ ئالدىنقى سەپتە كۈرەش قىلىش

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «داۋالاپ ساقايتىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش، كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش» يوليورۇقىنىڭ تەلىپى بويىچە، دۆلەت بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان 18 مۇتەخەسسىسنى بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ ئۈچ ICU ئاغرىقلار رايونىغا ئاجرىتىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىن 2000دىن ئارتۇق مۇنەۋۋەر دوختۇر - سېسترانى 24 ئاغرىقلار رايونىغا ئاجرىتىپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ھەربىر ئاغرىقنى قۇتقۇزدى، داۋالىدى.

«مەن پارتىيە ئەزاسى، مەن تىزىملىتىمەن!» «مېنىڭ ۋۇخەندىكى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تەجرىبەم بار، ئالدى بىلەن مېنى ئويلىشىڭلار!» «پارتىيە مېنى تەربىيەلىدى، ھازىر دەل مېنىڭ ئاتاكىغا ئۆتىدىغان ۋاقتىم، مەن بىرىنچى سەپكە بارىمەن!»...«مەن تىزىملىتىمەن» دېگەن بۇ سۆز كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئەڭ جاراڭلىق قەسىمى بولدى.

ئۇلار جەڭچى سۈپىتىدە ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىدىغان جەڭ مەيدانىدا قايتا - قايتا ئاتاكىغا ئۆتۈپ، ھىيلىگەر ۋىرۇس بىلەن ئېلىشتى −

ICUدىكى «ئايال ئەزىمەت» ليۇ يەن بىلەن شى شياۋخۇي ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ئېغىر كېسەللەر تېببىي بۆلۈمىنىڭ دوختۇرلىرى بولۇپ، ۋۇخەندىكى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا قاتناشقاندىن كېيىن، ئىككىسى يەنە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىدە قۇتقۇزۇش - داۋالاش خىزمىتىگە قاتناشتى؛ ھەربىر كېچىدە، بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ تەكشۈرۈش بۆلۈمىدە چىراغلار ھەمىشە چاقناپ تۇراتتى. كىلىنىكا دوختۇرلىرىنى ئەڭ دەل جايىدا ھۆكۈم بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، پارتىيە ئەزاسى لىن جىچياڭ ئىش ئورنىدا بىر ئايدىن كۆپرەك چىڭ تۇرۇپ، «پارتىيە ئەزالىرىنى سىنايدىغان زەربىدارلار ئەترىتى»نى يېتەكلەپ، ھەرىكىتى ئارقىلىق ئاۋانگارتلىق رولىنى نامايان قىلدى؛ جاڭ لىڭ بىلەن چېن جېڭۋېن ئەر - خوتۇن ئىككىلىسى جەڭگە ئاتلىنىپ، جەڭ مەيدانىدىكى «ئەر - خوتۇن سەپداش» بولۇپ قالدى؛ ۋۇخەن بىرىنچى سېپىدە پارتىيەگە كىرگەن «90 - يىللاردا تۇغۇلغان» دوختۇر چاڭ سەيخۇا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن توي قىلىش ۋاقتىنى ئىككى قېتىم ئۆزگەرتتى...

ئىلگىرى تۆت كۈن ھوشسىز ياتقان خەتەرلىك ئېغىر ئاغرىق جۇ ئەپەندى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «دۆلىتىمىز قۇدرەتلىك، داۋالاش تېخنىكىسى يۇقىرى بولغاچقا جېنىمنى قۇتقۇزۇۋالدى.» ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ليۇ ھەدە مۇنداق دېدى: «گەرچە مەن سىلەرنىڭ مۇداپىئە كىيىمى ئىچىدىكى چىرايىڭلارنى كۆرەلمىسەممۇ، لېكىن پۈتۈن زېھنىڭلار بىلەن ھالىمدىن خەۋەر ئالغان ھەربىر سىيمايىڭلارنى ئېسىمدە تۇتۇۋالدىم.» 92 ياشلىق بىر ئاغرىق دوختۇرخانىدىن چىققاندا تولۇپ تاشقان مىننەتدارلىق بىلەن مۇنداق دېدى: «مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى مەڭگۈ ھىمايە قىلىمەن».

2020 - يىلى 9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، ئۈرۈمچىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار پۈتۈنلەي «نۆللەشتى». ئاغرىقلاردىن بىرىمۇ ئۆلمەسلىك، تېببىي خادىملاردىن بىرىمۇ يۇقۇملانماسلىق نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، «يۇقۇم»غا قارشى تۇرۇش جېڭىدە قالتىس نەتىجە قەغىزى تاپشۇرۇلدى.

يۈ ئەيپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بېكىتىلگەن قۇتقۇزۇش - داۋالاش دوختۇرخانىسىدا قۇتقۇزۇش - داۋالاشقا قاتناشقان ھەربىر ئاق خالاتلىق جەڭچى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ ساقلاپ، زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆز ئىش ئورنىمىزدا مەسئۇلىيىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلىپ، جان تىكىپ ئېلىشىپ، ئۆزىمىزنى بېغىشلاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى، تەن ساغلاملىقىنى قوغداشتىن ئىبارەت مۇقەددەس ۋەزىپىمىز ۋە بۇرچىمىزنى تېخىمۇ ياخشى زىممىمىزگە ئالىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى