1-ئاينىڭ 25-كۈنى، چۇڭچىڭ شاڭكۈن داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشچىلىرى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان مىكروبسىزلاندۇرۇلغان بىر قېتىملىق مۇداپىئە كىيىمى ئىشلەپچىقارماقتا. نۆۋەتتە، بۇ كارخانىنىڭ داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان مىكروبسىزلاندۇرۇلغان بىر قېتىملىق مۇداپىئە كىيىمىنى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 3000 دانىگە يەتتى.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: قىش كىرگەندىن بۇيان، نۇرغۇن جايلاردا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئەگىشىپ، تۈرلۈك داۋالاش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىغا بولغان ئېھتىياج شىددەت بىلەن ئاشتى. بۇنىڭ ئۈچۈن، چۇڭچىڭ فېڭدۇ ناھىيەسى سانائەت رايونىدىكى داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلار داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرى ئىشلەپچىقىرىشنى چىڭ تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئېھتىياجىنى قاندۇردى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ چەن فوتوسى