تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«ئاجرىشىشتا ئۆزىنى بېسىۋېلىش مەزگىلى» يېڭى بەلگىلىمىسىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشى، كېلىشىم تۈزۈپ ئاجرىشىشقا بۇ ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلدى

   تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ دۇڭمېي): «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نىڭ 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمىي كۈچكە ئىگە بولۇشى بىلەن، ئاجرىشىشنى تىزىملىتىشتا يېڭىدىن بىر تۈرلۈك تۈزۈم، يەنى، «ئاجرىشىشتا ئۆزىنى بېسىۋېلىش مەزگىلى» تۈزۈمى كۆپەيدى. نۆۋەتتە شىنجاڭدىكى بارلىق ئۆيلىنىشنى تىزىملاش ئورگانلىرىنىڭ ھەممىسى بۇ يېڭى قانۇننى يولغا قويدى.

   1-ئاينىڭ 11-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى، مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، بۇ يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئاجرىشىشنى تىزىملىتىش تەرتىپى «ئىلتىماس قىلىش-قوبۇل قىلىش-ئۆزىنى بېسىۋېلىش مەزگىلى-تەكشۈرۈش-تىزىملىتىش (كىنىشكا تارقىتىش)»قا مۇناسىپ تەڭشىلىپ، ئەسلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، «ئۆزىنى بېسىۋېلىش مەزگىلى»دىن ئىبارەت بۇ بىر باسقۇچ قوشۇلغان.

   ئاجرىشىشتا ئۆزىنى بېسىۋېلىش مەزگىلى دېگەن نېمە؟ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نىڭ 1077-ماددىسىغا ئاساسلانغاندا، ئۆيلىنىشنى تىزىملاش ئورگىنى ئاجرىشىشنى تىزىملىتىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، ھەر قانداق بىر تەرەپ ئاجرىشىشنى خالىمىسا، ئۆيلىنىشنى تىزىملاش ئورگىنىدىن ئاجرىشىش ئىلتىماسىنى قايتۇرۇۋالسا بولىدۇ. ئالدىنقىسىدا بەلگىلەنگەن مۆھلەت توشۇپ 30 كۈن ئىچىدە، ئىككى تەرەپ ئۆيلىنىشنى تىزىملاش ئورگىنىغا بېرىپ ئاجرىشىش گۇۋاھنامىسى بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ ئىلتىماس قىلمىغانلار، ئاجرىشىشنى تىزىملىتىش ئىلتىماسىنى قايتۇرۇۋالغان ھېسابلىنىدۇ. بەلگىلىمىدىكى «30 كۈن» ئاجرىشىشتا ئۆزىنى بېسىۋېلىش مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ.

   ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى جەمئىيەت ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى خەن ۋېنيەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى ئۆيلىنىشنى تىزىملاش ئورگانلىرى ئاجرىشىشنى تىزىملىتىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان ھەمدە دەۋالاشقۇچىغا «ئاجرىشىشنى تىزىملىتىش ئىلتىماسىنى بېجىرىشنى قايتۇرۇش تالونى» تارقاتقان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، ھەرقانداق بىر تەرەپ ئاجرىشىشنى خالىمىسا، ئۆزىنىڭ كۈچكە ئىگە كىملىكى ۋە «ئاجرىشىشنى تىزىملىتىش ئىلتىماسىنى بېجىرىشنى قايتۇرۇش تالونى»نى ئېلىپ، ئاجرىشىشنى تىزىملىتىش ئىلتىماسىنى بېجىرگەن ئۆيلىنىشنى تىزىملاش ئورگىنىدىن ئاجرىشىش ئىلتىماسىنى قايتۇرۇۋالسا بولىدىكەن ھەمدە «ئاجرىشىشنى تىزىملىتىش ئىلتىماسىنى قايتۇرۇۋېلىش ئىلتىماسى»نى تولدۇرىدىكەن. ئۆيلىنىشنى تىزىملاش ئورگىنى تەكشۈرۈپ خاتالىق يوقلۇقىنى ئېنىقلىغاندىن كېيىن، «ئاجرىشىشنى تىزىملىتىش ئىلتىماسىنى قايتۇرۇۋېلىشنى جەزملەشتۈرۈش تالونى»نى تارقىتىپ بېرىدىكەن.

   ئاجرىشىشتا قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپتە ئاجرىشىشتا 30 كۈن ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش مەزگىلى تەسىس قىلىنسا، ئاجراشماقچى بولغان دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ئائىلە زىددىيىتىنى ئاقىلانىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشىغا پايدىلىق، ئەر-خوتۇن مۇناسىۋېتىدىكى زىدىيەتنى پەسەيتىش ئارقىلىق ئۆزىنى تۇتۇۋالالماسلىق تىپىدىكى ئاجرىشىشنى ئۈنۈملۈك ئازايتىپ، ئائىلىنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئاجرىشىشتا ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش مەزگىلى پەقەت كېلىشىم ئارقىلىق ئاجرىشىشقا ماس كېلىدۇ، دەۋالىشىپ ئاجرىشىشتا ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش مەزگىلى بەلگىلىمىسى بولمايدۇ، ئائىلە زوراۋانلىقى، تاشلىۋېتىش قاتارلىق ئاجرىشىشتا ئىككى تەرەپنىڭ پىكرى بىردەك بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، دەۋالاشقۇچىلار دەۋالىشىپ ئاجرىشىشنى تاللىسا بولىدۇ.

   ئىگىلىنىشىچە، «ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى» يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن، شىنجاڭدىكى قىسمەن ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى ناھىيە، شەھەر، رايونلار ئاجرىشىشنى تىزىملاشنى ئالدىن كېلىشىش تۈزۈمىنى سىناق قىلغان. ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى ئۆيلىنىشنى تىزىملاش كەسپىنىڭ مەسئۇلى پاتىگۈل ئىمىرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى 2016-يىلى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭى شەھەر رايونى) خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىدە ئاجرىشىشنى تىزىملاشنى ئالدىن كېلىشىش تۈزۈمىنى نۇقتىدا سىناق قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى