تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

ليۇ جوڭشېڭ: ئىشچى-خىزمەتچى ئاممىنىڭ رازى بولۇشى مېنىڭ ئەڭ چوڭ بەختىم

بىڭتۇەن گېزىتى خەۋىرى (پىراكتىكانت مۇخبىر ليۇمېي خۈيزى، مۇخبىر شۈ مىن خەۋەر قىلىدۇ): «بىڭتۇەندە تۇەن-چاڭلارنىڭ ئۇنىۋېرسال يانداش ئىسلاھاتى يەنىلا چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇۋاتىدۇ، ئىسلاھات توختاپ قالمىسا، بىز توختاپ قالمايمىز» دېدى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى،  4-شى كۆكدالا شەھىرى 68-تۇەن 3-ليەن پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ليەن باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ يېتەكچىسى ليۇ جوڭشېڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان ليەنگە نەزەر سالغاچ.

بۈگۈنكى 3-ليەن، ئەسلىدىكى 3-ليەن بىلەن 4-ليەن ئىككى ليەندۈينىڭ بىرىكىشىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، يىراققا نەزەر سالغاندا، ليەندۈينىڭ يەرلىرى تەكشى، يوللىرى تۈپتۈز بولۇپ، ئىشچى-خىزمەتچى ئاممىنىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلىنەتتى.

2018-يىلى 1-ئايدا، بىڭتۇەن تۇەن-چاڭلارنىڭ ئۇنىۋېرسال يانداش ئىسلاھاتى 3-ليەندە يولغا قويۇلدى، يەر ھوقۇقىنى بېكىتىش، تىزىملاپ كىنىشكا تارقىتىش، بەشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ليەندۈي «ئىككى كومىتېت»ىنى دېموكراتىك سايلاش... تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرى پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى. «بۇ قېتىمقى ئىسلاھات ئىشچى-خىزمەتچى ئاممىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەردىكى مەنپەئىتىگە چېتىلىدۇ، بىز ھەم ئىسلاھاتنى ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىشىمىز، ھەم ئالاقىدار خىزمەتلەرنى پۇختا، ئىنچىكە، ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك» دېدى ليۇ جوڭشېڭ.

3-ليەندە ئادەم كۆپ، يەر ئاز بولغاچقا، يەر ھوقۇقىنى بېكىتىش، تىزىملاپ كىنىشكا تارقىتىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولۇپ، ۋەزىپە ئېغىر ئىدى. ليۇ جوڭشېڭ ليەندۈي «ئىككى كومىتېت»ىغا باشلامچىلىق قىلىپ، ئائىلىلەرگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەپ، ئۆيمۇئۆي كىرىپ سىياسەت تەشۋىقاتى، ئىدىيە جەھەتتىن يېتەكلەش خىزمىتىنى ئىشلەپ، ليەندۈي ئىشچى -خىزمەتچىلىرىگە سىياسەتنى سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئاڭلاپ، ھەر كۈنى ئون نەچچە ئائىلىگە باردى. «ئۇ مەزگىلدە، تاماق يېيىشكىمۇ ئۈلگۈرەلمەسلىك دائىملىق ئىش ئىدى، كۆپ ۋاقىتلاردا تاڭ ئاتاي دېگەندە، ئاندىن ئارام ئالغىلى بولاتتى» دېدى ليۇ جوڭشېڭ.

ليۇ جوڭشېڭ بىلەن ليەندۈي «ئىككى كومىتېت»ى بەنزىسىنىڭ تىرىشچانلىقى بىكارغا كەتمىدى، 3-ليەننىڭ يەر ھوقۇقىنى بېكىتىپ تىزىملاش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق تاماملاندى. ئىشچى -خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىمى بۇ ئىككى يىلدا مۇقىم ئاشتى، تۇەن-چاڭلارنىڭ ئۇنىۋېرسال يانداش ئىسلاھاتى ئىشچى-خىزمەتچى ئاممىنىڭ بىردەك ماختىشىغا ئېرىشتى.

«پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە رەھمەت، مېنى ئىسلاھات ئېلىپ كەلگەن پايدىدىن بەھرىمەن قىلدى». 3-ليەننىڭ خىزمەتچىسى خې توڭ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇخبىرغا، تۇەن-چاڭ، ليەندۈينىڭ ھۆددىگە ئېلىپ تىجارەت قىلغان جايدىكى ئىشچى-خىزمەتچى ئەمەسلەرنى ئىشچى-خىزمەتچىلەر قوشۇنىغا كىرگۈزۈپ باشقۇرۇش سىياسىتىگە ئاساسەن، ئۆزىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەر قوشۇنىغا كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئېيتىپ، «ئىسلاھاتتىن كېيىنكى ئىككى يىلدا، مېنىڭ كىرىمىم ئۈزلۈكسىز ئاشتى، ئىشچى-خىزمەتچىلىك سالاھىيەت مېنىڭ ياشانغاندىكى كۈتۈنۈشۈمنىمۇ ياخشى كاپالەتكە ئىگە قىلدى» دېدى.

27 يىللىق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە ليەندۈي پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ليۇ جوڭشېڭ باشتىن-ئاخىر پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ليەندۈي «ئىككى كومىتېت» ئەزالىرىنى يېتەكلەپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، بىڭتۇەندىكى تۇەن-چاڭلارنىڭ ئۇنىۋېرسال يانداش ئىسلاھاتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

بىڭتۇەن تۇەن-چاڭىنىڭ ئۇنىۋېرسال يانداش ئىسلاھاتىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىلغار شەخس دېگەن شەرەپ تىلغا ئېلىنغاندا، ليۇ جوڭشېڭ تارتىنغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇلارنىڭ ھەممىسى مەن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار، ئىشچى-خىزمەتچى ئامما ماڭا ئىشەنگەچكە، ئىسلاھاتتا ھازىرقى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. مەن ئىشچى-خىزمەتچى ئاممىنىڭ ئىشەنچىنى يەردە قويمايمەن، ئۇلارنىڭ رازى بولۇشى مېنىڭ ئەڭ چوڭ بەختىم».

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى