2021-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى كۆكتوقاي ناھىيەسى ئېرتىش دەرياسىنىڭ قىشتىكى مەنزىرىسى.
تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر باقىتقان ئاسەت خەۋىرى، فوتوسى): كۆكتوقاي ناھىيەسى ئېرتىش دەرياسى بويىدا، ئېرتىش دەرياسىنىڭ بىر يىلدىكى تۆت پەسىلنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلانغىلى بولىدۇ. قىش پەسلىدە، ئېرتىش دەرياسىنى ئاپئاق قار قاپلىغان بولۇپ، بەزى دەريا بۆلەكلىرىدە تېخى مۇز تۇتمىغانىدى، كۆل يۈزىدە ئاجايىپ-غارايىپ مۇز قاتلاملىرى شەكىللىنىپ، باشقىچە قار-مۇز مەنزىرىسى شەكىللەنگەنىدى.