خەلق تورى خەۋىرى: 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى، كۈچلۈك سوغۇق ھاۋانىڭ تەسىرىدە، شەندۇڭ ئۆلكىسى چىڭداۋ شەھىرى 3-دەرىجىلىك جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى قوزغاتتى، دېڭىز بويىدىكى رايونلاردا تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ، دېڭىز بويىدىكى ساھىللار مۇز تۇتۇشقا باشلىدى. بۇ قېتىمقى سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە قارىتا، شەندۇڭ ئۆلكىسى چىڭداۋ شەھىرى ئۇدا ئىككى كۈن سوغۇق ئېقىمدىن سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتتى، بۇ جەرياندا تېمپېراتۇرا ℃10 ئەتراپىدا تۆۋەنلىدى.
ۋاڭ خەيبىن فوتوسى