تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سىزنىڭ رول تۇتقان ھالىتىڭىز ھەقىقەتەن گۈزەل

جاڭ بېي

بىر كەنتتىكى 95 ئايالنىڭ شوپۇرلۇق ئىمتىھانى بېرىشى ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس. ئەمما قۇملۇقنىڭ چېتىگە جايلاشقان، ئەمدىلا نامراتلىق قالپىقى ئېلىۋېتىلگەن قاراقاش ناھىيەسىدە يۈزبەرگەن بۇ ئىش قالتىس يېڭىلىق ھېسابلىنىدۇ. 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى»گە بېرىلگەن بۇ خەۋەرنى ئوقۇپ، ئىختىيارسىز ھاياجانلاندىم: ئىلگىرى قازان بېشىنى چۆرگۈلەپ يۈرىدىغان يېزا ئاياللىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە بەس-بەستە رول تۇتۇپ بېيىش يولىغا ئاتلانغان قىياپىتى ھەقىقەتەن گۈزەل!

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يېزا-كەنتلەردە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ ئالغا سىلجىتىلىشى، خاس كەسىپلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، يېزىلاردىكى كىچىك توپا يوللار ئاسفالت يولغا ئۆزگەردى، كىچىك ئاپتوموبىللار ئېشەك ھارۋىسىنىڭ ئورنىنى ئالدى. كەنت ئاھالىلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا بۇ پىكاپ، يۈك ئاپتوموبىلى، موتوسىكلىتلار ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى بېيىغاندىن كېيىنكى «ئۆلچەملىك سەپلىمە» بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇلارنىڭ تىرىشىپ ئىشلەپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولىدىكى كۈچلۈك «ياردەمچى»لىرىدۇر. دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەدرىجىي تۈگىتىلىشىگە ئەگىشىپ، ئاپتوموبىل ھەيدەپ مال يەتكۈزىدىغان، ئىشقا بارىدىغان، يولۇچىلارنى توشۇيدىغان ئاياللار بارغانسېرى كۆپەيدى، ئۇلار يېزىلار ئارا چېپىپ يۈرۈپ، خۇددى زامانىۋى مەدەنىيلىك يېڭى شامىلىدەك سىيپاپ ئۆتۈپ، كەڭ دالىلاردا ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتماقتا.

يېزا-كەنت ئاياللىرىنىڭ قولىدىكى ھەيدەش كىنىشكىسى خۇددى كۈز يوپۇرمىقىدەك كىشىگە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاممىنىڭ يېڭى روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلىپ بەردى. داۋاملىق چىداش ۋە كۈتۈش كېرەكمۇ ياكى جاسارەت بىلەن ئۆزگىرىش كېرەكمۇ، چارە ئۈستىدە ئىزدەنمەي ئۆتۈش كېرەكمۇ ياكى تەشەببۇسكارلىق بىلەن پۇرسەت ئىزدەش كېرەكمۇ، كەنت ئاھالىلىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مۇساپىسىدە ئېنىق جاۋابنى تاپتى − پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياردەم بېرىشى-يۆلىشىدە، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ قوللىشىدا، ئىشلەشنى خالىسىلا، قومۇرۇۋەتكىلى بولمايدىغان نامراتلىق يىلتىزى يوق. ئىدىيە-قاراشنىڭ ئۆزگىرىشى روھىي ئىسكەنجىدىن قۇتۇلدۇردى، گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىش جەزمەن ئۇلارنىڭ چەكسىز ئىلگىرىلەش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدا ئۇچقاندەك ئىلگىرىلىتىدۇ.

(«سۆز ھەممىگە» ئىستونىغا ماقالە ئەۋەتىش پوچتا ساندۇقى: xjrbplb@126.com)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى