بۇ 12-ئاينىڭ 31-كۈنى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدىكى تۇلپار ساياھەت-مەدەنىيەت باغچىسىدا سۈرەتكە تارتىلغان تۇلپارلار.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى
شىنخۇا تورى خەۋىرى: قىش كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى ئەلا سۈپەتلىك قار-مۇز بايلىقىغا تايىنىپ، ئوغلاق تارتىشىش، ئات بەيگىسى، قىز قۇۋار قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان، يايلىقى كەڭ، ھازىر 120 مىڭ ئات بار بولۇپ، شۇڭا «تۇلپار ماكانى» دەپ ئاتالغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى قار بايلىقى ۋە ئات بايلىقىغا تايىنىپ، «قار-مۇز مەنزىرىسى، قار-مۇز تەنھەرىكىتى، قار-مۇز قىزىقارلىق مەنزىرىسى، قار-مۇز ئۆرپ-ئادىتى» قاتارلىق باش تېمىلارنى چۆرىدەپ، خاس قىشلىق ساياھەت داڭلىق ماركىسىنى يارىتىپ، «پۈتۈن مەزگىل، پۈتۈن پەسىل، پۈتۈن رايون»دىن ئىبارەت ساياھەت يېڭى كەسىپ ھالىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شۇ جايدىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.