تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئاقسۇ ئايرودۇرۇمى T1 ئاۋىياتسىيە بىناسىنىڭ ئايروپىلان كۈتۈش زالىنى ئىشلىتىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر لۈ نا، ئىختىيارىي مۇخبىر يۈ چيەن خەۋىرى) 12-ئاينىڭ 30-كۈنى سەھەردىن باشلاپ، ئاقسۇ ئايرودۇرۇمى T1 ئاۋىياتسىيە بىناسىنىڭ ئايروپىلان كۈتۈش زالىنى ئىشلىتىش رەسمىي ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاقسۇ ئايرودۇرۇمى ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ئايروپىلان تىپىنىڭ پەرقلىق كاپالەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن، T1 ئاۋىياتسىيە بىناسى ئايروپىلان كۈتۈش زالىنىڭ ئىشلىتىلىشى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، CRJ900 تىپلىق ئايروپىلان ئايرودۇرۇمغا كىرىپ چىققاندا T1 ئاۋىياتسىيە بىناسىنىڭ ئايروپىلان كۈتۈش زالىغا ياندىشىپ توختايدىغان قىلىپ تەڭشىلىدىكەن. شۇ چاغدا، CRJ900 تىپلىق ئايروپىلانغا ئولتۇرىدىغان يولۇچىلار توشۇش ئاپتوموبىلى بىلەن T2 ئاۋىياتسىيە بىناسىغا كېلىپ، زالنىڭ چىقىش ئېغىزىغا يېتىپ بارىدىكەن؛ ئايرودۇرۇمدىن چىقىدىغان يولۇچىلار بىرتۇتاش T2 ئاۋىياتسىيە بىناسىدا ئايروپىلانغا ئولتۇرۇش، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش قاتارلىق ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى بېجىرىدىكەن؛ ئايروپىلانغا چىقىش ئېغىزى 1—4-نومۇرغىچە بولغان يولۇچىلار 2-قەۋەتتىكى ئايروپىلان كۈتۈش زالىنىڭ كارىدورى ئارقىلىق T1 ئاۋىياتسىيە بىناسى ئايروپىلان كۈتۈش زالىغا بېرىپ ئايروپىلان ساقلايدىكەن، ئايروپىلانغا چىقىدىكەن.

  ئاقسۇ ئايرودۇرۇمىنىڭ خىزمەتچىلىرى يولۇچىلارغا شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، T1 ئاۋىياتسىيە بىناسى ئايروپىلان كۈتۈش زالىنىڭ سودا، يېمەك-ئىچمەك، ئىچىدىغان سۇ، توك قاچىلاش، ئانا-بالىلار ئۆيى، WIFI قاتارلىق ئاساسىي مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل بولۇپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ. كەڭ يولۇچىلار ئەڭ ياخشىسى ئۇچۇشتىن ئۈچ سائەت بۇرۇن ئايرودۇرۇمغا يېتىپ كېلىپ ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى كېرەك. تەپسىلىي ئەھۋالنى سۈرۈشتۈرمەكچى بولغان يولۇچىلار ئاقسۇ ئايرودۇرۇمىنىڭ سۈرۈشتۈرۈش تېلېفونى 2541861 (0997)غا تېلېفون بەرسە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى