تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

قەشقەر شەھىرى پاختەكلى يېزىسى يۇقارقى قاقۇللا كەنتى: «شال يېزىسى، بۇلاق كەنتى» سۇدا ئەكس ئەتكەن قەشقەرنى تەسۋىرلەپ چىقتى

قەشقەر شەھىرى پاختەكلى يېزىسى يۇقارقى قاقۇللا كەنتى: «شال يېزىسى، بۇلاق كەنتى» سۇدا ئەكس ئەتكەن قەشقەرنى تەسۋىرلەپ چىقتى

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر ۋېي خۇافېڭ خەۋىرى): «كەنتىمىزدىكى 30دىن ئارتۇق تەبىئىي بۇلاق كۆزى بىر دەريا ئېقىنى بىلەن تۇتىشىپ، <كۆۋرۈك، ئېقىن سۇ، ئېقىن بويىدىكى ئائىلىلىكلەر> مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈردى، ھەتتا ئەتراپتىكى قەشقەر شەھىرى دۇڭخۇ بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە سۇدا ئەكس ئەتكەن قەشقەرنى نامايان قىلدى» دېدى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىنىڭ قەشقەر شەھىرى پاختەكلى يېزىسى يۇقارقى قاقۇللا كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1-شۇجىسى داڭ شياۋدۇڭ. خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ تىرىشچانلىقىدا، بۇ يىل يۇقارقى قاقۇللا كەنتى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ 2-تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە يېزا-بازار ساياھىتىدىكى نۇقتىلىق كەنت قاتارىغا تاللاپ كىرگۈزۈلدى.

«بەش يىل ئىلگىرى، بۇ كەنت يەنىلا ئېغىر نامرات كەنت ئىدى» دېدى داڭ شياۋدۇڭ، «ھازىر كەنتتىكى بارلىق كوچا، يوللارنىڭ ھەممىسى قاتتىقلاشتۇرۇلدى ھەمدە يول چىراغلىرى ئورنىتىلدى، ھەممە ئائىلىلەرگە تۇرۇبا سۈيى يەتكۈزۈلدى، سۇ چىقىرىش تۇرۇبا يولى ۋە سۇ چۈشىدىغان ھاجەتخانا ئورنىتىلدى، پۈتۈن كەنتتىكى ئۈچتىن بىر قىسىم ئاھالە تەبىئىي گاز ئىشلىتىشكە باشلىدى. كەنتتە ھەم زامانىۋى مەدەنىيەت، ھەم سەھرا مەنزىرىسى بار بولدى. بۈگۈنكى كۈندە، يۇقارقى قاقۇللا كەنتىنىڭ كىشى بېرىش ئوتتۇرىچە كىرىمى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشتى».

بۇلتۇر 6-ئايدىن بۇيان، مەنزىرە رايونى شاڭخەي، شېنجېن قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن 100 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى كۈتۈۋالدى، مەنزىرە رايونىنىڭ ئىچىدە رېستۇران، ھەرخىل دۇكان، ئېلېكترونلۇق سودا مەركىزى قاتارلىقلارنىڭ تىجارەت كىرىمى 2 مىليون 800 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، 186 كىشىنىڭ مەنزىرە رايونى ۋە ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا بىۋاسىتە تۈرتكە بولۇپ، نامرات ئاممىنى 45 ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى.

ساياھەتچىلەر «جەنۇبىي شىنجاڭ سۇ يۇرتى»دا ئويناپ، ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىشىنى جانلاندۇردى، بۇ كەنتتە ئىشلەپچىقىرىلغان «ئاجىز ئىشقارلىق» گۈرۈچنى ساياھەتچىلەر تالىشىپ سېتىۋالدى. 2016-يىلى 2-ئايدا، داڭ شياۋدۇڭ يۇقارقى قاقۇللا كەنتىگە كېلىپ بۇ كەنتتىكى خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1-شۇجىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. ئۇ چاغدا نۇرغۇن كەنت ئاھالىلىرى پەقەت كىشى بېشىغا 1.4 مودىن توغرا كېلىدىغان يەرگە تايىنىپ غورىگۈل تۇرمۇش كەچۈرەتتى.

يۇقارقى قاقۇللا كەنتىدە نۇرغۇن يەردە تەبىئىي بۇلاق كۆزى بار بولۇپ، يەنە شال تېرىيدىغان ئەنئەنىسى بار ئىدى، كەنتتىن قەشقەر شەھىرى ئاساسىي شەھەر رايونىغا ئۈچ كىلومېتىرلا كېلىدىغان بولۇپ، ئاممىۋى قاتناش ئىشىك ئالدىغىچە كېلەتتى. بۇ ئەۋزەللىكلەرنى كۆرۈپ داڭ شياۋدۇڭ بۇلاق سۈيى ئەۋزەللىكىنى بايلىق مەنبەسىگە تەرەققىي قىلدۇرۇش قارارىغا كەلدى.

بۇ يىل، كەنت ساياھەت بايلىقىنى موللاشتۇرۇش ئۈچۈن، كەنت ئاھالىلىرىنى 775 مو تارقاق يەرنى ئوبوروت شەكلىدە ئەمەلىي كۈچى بار، تىجارەت قىلىشنى بىلىدىغان، ئىناۋىتى ياخشى كارخانىلارغا ھۆددىگە بېرىشكە ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، تېرىقچىلىق، ئۈزۈش، ئىستراھەت قاتارلىقلار بىر گەۋدە قىلىنغان «زامانىۋى كۆچەتلىك ئېكولوگىيە باغچىسى» قۇرۇپ چىقىپ، 311 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى كارخانىلار بىلەن ئوبوروت كېلىشىمى ئىمزالىدى، بۇنىڭ ئىچىدە 179 ئاھالە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن ئاھالە بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرى ھەر يىلى 800 يۈەندىن 1200 يۈەنگىچە يەر ئىجارە پۇلى ئالىدۇ، يەنە بىر كىشىلىك خىزمەت تاپالايدۇ. «ھازىر كۆچەتلىك ئېكولوگىيە باغچىسى» ئۆز جايىدا تەكلىپ قىلىش ئىشلىتىش بويىچە كەنتتىكى 40 نامرات ئاھالىنى مۇشۇ يەردە ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، ئۇلارنىڭ ھەر ئايلىق كىرىمى 2700 يۈەنگە يەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى