تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولى كەڭ، كۆڭۈل ئازادە

بىڭتۇەن گېزىتى (3-شىدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرلار پونكىتىدىن فېڭ جېڭيۈن، ئىختىيارىي مۇخبىر لى يۈن خەۋىرى): باش قىشتا، 3-شى 51-تۇەن 6-ليەننىڭ ئىشچى-خىزمەتچىسى ۋاڭ باۋئەننىڭ جېنجۇ توخۇسى فېرمىسىغا كىرگەندە، پەيلىرىنىڭ رەڭگى پارقىراق، تېنى ساغلام بىر چىپار توخۇ دانلاپ يۈرەتتى.

ۋاڭ باۋئەن توققۇز يىللىق جېنجۇ توخۇسى بېقىش تەجرىبىسىگە ئىگە، ئۇ شۇ جايدىكى بىر قىسىم ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلغان بولسىمۇ، ئەمما تۇرمۇشىنىڭ ئانچە باياشات ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن 6-ليەن ۋە ئەتراپتىكى ئاممىنى باقمىچىلىق تېخنىكىسى ئۆگىنىشكە يېتەكلەپ، يىراق-يېقىنغا داڭقى چىققان بېيىش باشلامچىسىغا ئايلاندى.

«ھازىر باقمىچىلىق مەيدانىدا جەمئىي 3000 جېنجۇ توخۇسى بېقىلىۋاتىدۇ، ھازىر كاتەكتىن چىقىرىلىشقا باشلىدى، چوڭلىرى 1.7 كىلوگىرام كېلىدۇ، ھەر كىلوگىرامىنىڭ باھاسى 45 يۈەندىن 50 يۈەنگىچە» دېدى ۋاڭ باۋئەن. نۆۋەتتە، ۋاڭ باۋئەن ئالتە ئائىلىلىك ئاممىنىڭ باقمىچىلىق قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۇلارنىڭ باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىشىگە ياردەم بەردى، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى.

«جېنجۇ توخۇسى بېقىشقا مەبلەغ ئاز كېتىدۇ، ئوبوروتى تېز، ئۈنۈمى يۇقىرى، ئۈسكۈنە ۋە كاتەككە قويۇلىدىغان تەلەپ يۇقىرى ئەمەس، بېقىش تەننەرخى نىسبەتەن تۆۋەن» دېدى ۋاڭ باۋئەن. مانا بۇلارنى كۆرگەن شۇ جايدىكى نۇرغۇن ئامما تەشەببۇسكارلىق بىلەن ۋاڭ باۋئەنگە ئەگىشىپ باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگەندى، 51-تۇەن 8-ليەندىكى ئامما سەمەت مەمەت دەل شۇلارنىڭ بىرى. «مەن باقمىچىلىق مەيدانىدا ئىشلەۋاتقىلى ئىككى ئاي بولدى، ئايلىق مائاشىم 2000 يۈەن، يەنە تېخنىكا ئۆگىنەلەيمەن، بۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلىرىمنىڭ بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى سەمەت مەمەت مۇخبىرغا.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، 6-ليەن پارتىيە ياچېيكىسى ليەندۈيدىكى قابىللارغا تايىنىپ ئىگىلىك تىكلەش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش، باشلامچىلىق قىلىشقا يېتەكلەپ، ھەربىر ئائىلىنىڭ بىردىن كىرىم ئاشۇرۇش يولى بولۇش، ھەربىر قابىل كىشى بىر تۈركۈم ئاممىغا تۈرتكە بولۇشتەك تەرەققىيات تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەممە كىشىنىڭ قىلىدىغان ئىشى بولۇش، ئەمگەك كىرىمى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

6-ليەننىڭ خىزمەتچىسى ھەسەن تۇرسۇندا بۇ ئىككى يىلدىن بۇيان ئىگىلىك تىكلەش، تىجارەت قىلىش ئويى پەيدا بولدى، ھەسەن تۇرسۇننىڭ ئويىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، 6-ليەن پارتىيە ياچېيكىسى ئۇنى ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پائال رىغبەتلەندۈرۈپ ۋە يېتەكلەپ، دېھقانلار ئارامگاھى قۇردى.

6-ليەن پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ياردىمىدە، بۇ يىل دۆلەت بايرىمىدا، ھەسەن تۇرسۇن ئائىلىسىنىڭ دېھقانلار ئارامگاھى تۇنجى تۈركۈم مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى. «بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم سودا قىلىشىم، ناھايىتى خۇشال بولدۇم، تىجارەت باشلىغان ئون كۈندە 4000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدىم» ھەسەن تۇرسۇن مۇنداق دېدى:«مېنىڭ كەلگۈسى تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىم تولۇپ تاشتى».

6-ليەن دېھقانلار ئارامگاھىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، ھويلا-ئاران ئىگىلىكى ۋە قابىللارنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ھويلا-ئاران تېرىقچىلىقىنىڭ خاسلىقى بولۇش، دېھقانلار ئارامگاھىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا زاپاس كۈچكە ئىگە بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھەممە كىشىنىڭ قىلىدىغان ئىشى بولۇش، ھەممە ئائىلىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردى. 6-ليەن پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ليەن باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ يېتەكچىسى ما شەنچىڭ مۇنداق دېدى:«ئاممىنىڭ نېمە قىلغۇسى بارلىقىنى، نېمە قىلالايدىغانلىقىنى تولۇق ئىگىلەپ، ھەرقايسى ئائىلىلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئويلىشىپ، ئۆيمۇئۆي تەھلىل قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بېرىشىمىز كېرەك».

ئىگىلىنىشىچە، 2022-يىلىغا بارغاندا، 6-ليەن ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھەربىر ئائىلىنىڭ كىرىمىنى 10 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا ئاشۇرالايدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى