تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

CBA يېڭى مۇسابىقە پەسلىدە شىنجاڭ كۈچى پۈتۈن مەيداننى يورۇتتى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر خۇاڭ شىڭ) CBA بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ بەش مەيدان مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى، لياۋنىڭ كوماندىسى، جېجياڭ كوماندىسى، جىلىن كوماندىسى بىر مەيدانمۇ ئۇتتۇرماسلىقتەك ياخشى نەتىجىنى ساقلىماقتا، ئەنئەنىۋى كۈچلۈك كوماندىلاردىن شىنجاڭ، گۇاڭدۇڭ، بېيجىڭ كوماندىلىرىنىڭ رەت تەرتىپى جاسارەتلىك ياش كوماندا چىڭداۋ كوماندىسىنىڭ كەينىدە تۇرماقتا. چەت ئەللىك ماھىرلارغا قارىتىلغان سىياسەتنىڭ تەڭشىلىشىگە ئەگىشىپ، ئېلىمىز ماھىرلىرى ھەر قايسى كوماندىلاردا بارغانسېرى مۇھىم رول ئوينىماقتا. شىنجاڭ كوماندىسىدىن ئايرىلىپ باشقا كوماندىدا توپ ئويناۋاتقان ماھىرلار يېڭى پەسىللىك مۇسابىقىگە بىر قىسىم يېڭىلىقلارنى ئېلىپ كەلدى، شىرئەلىجان، يۈ چاڭدۇڭ، لى گېن، قىرانبېك، خۇ مىڭشۈەن، خۇ جىنچيۇۋ، جياۋئېنگېر قاتارلىقلار ئۆز كوماندىلىرىغا ھاياتىي كۈچ ئېلىپ كەلدى.

يېڭى ئۇچار يولۋاس كوماندىسىدىكى قالتىس ئىپادە

قايتىدىن تەشكىللەنگەن شىنجاڭ ئۇچار يولۋاس كوماندىسى تۆت مەيدان يېڭىش، بىر مەيدان ئۇتتۇرۇشتەك نەتىجە بىلەن رەت تەرتىپتە بەشىنچى ئورۇندا تۇرماقتا. بۇ جوۋ چى، تاڭ سەييۈ، زېڭ لىڭشۈ، يۈ دېخاۋلارنىڭ ئىپادىسىنىڭ ياخشى بولۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئەڭ مۇھىمى جوۋ چى بىلەن تاڭ سەييۈنىڭ ھۇجۇم ۋە مۇداپىئە سېپىدىكى ئىپادىسىنىڭ ناھايتى تۇراقلىق بولۇشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

يېقىنقى بىر نەچچە ئايدا، جوۋ چى بەدەن ئىقتىدارى مەشىق ئۇستىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا، سىستېمىلىق ھالدا موسكۇل چىقىرىش مەشىقى قىلغان بولۇپ، موسكۇلىنىڭ بارغانسېرى چوڭىيىشى ئۇنىڭ گارغا توپ ئاتقاندىكى قول سېزىمىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن، بىراق، جوۋ چى يەنىلا ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىدە 24.8 نومۇر، 14.4 قېتىم گاردىن قايتقان توپنى ئېلىش، 3.4 قېتىم ياردەمچى پاس بېرىشتەك ياخشى ئىپادىسىنى ساقلىماقتا. ئۇ كوماندىدىكى ياش ماھىرلارغا نىسبەتەن بوران-چاپقۇندىن توسۇيدىغان كۈنلۈكلۈك رولىنى ياخشى ئۆتىمەكتە، ياش ماھىرلار ئۇنىڭ ياردىمىدە، كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىدە تاۋلانماقتا.

تاڭ سەييۈ جوۋ چىنىڭ ئەڭ ياخشى ياردەمچىسى، نۆۋەتتە، ھەر مەيدان مۇسابىقىدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 38.6 مىنۇت مەيدانغا چىقىۋاتقان تاڭ سەييۈ كوماندىدىكى مەيدانغا چۈشۈش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن ماھىر ھېسابلىنىدۇ. گەرچە، شىرئەلىجان ۋە قىرانبېكلەردەك مۇداپىئە تەجرىبىسى مول بولمىسىمۇ، ئەمما ھۇجۇم سېپىدىكى ئىپادىسى ئەڭ تۇراقلىق ماھىرلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

ئۇچار يولۋاس كوماندىسىنىڭ كونا ئەزالىرى ئۆز ماھارىتىنى نامايان قىلماقتا

ئۇچار يولۋاس كوماندىسىنىڭ ئىلگىرىكى كوماندا باشلىقى قىرانبېك شاڭخەي كوماندىسىدا توپ ئويناۋاتىدۇ. نۆۋەتتە قىرانبېك ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىدە 9.6 نومۇر، 3.2 قېتىم گاردىن قايتقان توپنى ئېلىپ، 1.4 قېتىم ياردەمچى پاس بېرىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئۈچ نومۇرلۇق توپ چۈشۈرۈش ئېھتىماللىقى %44كە يەتكەن بولۇپ، يەنىلا بۇ كوللېكتىپتىكى مۇھىملىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىدە 15.6 نومۇر، 5.0 قېتىم گاردىن قايتقان توپنى ئېلىپ، 5.6 قېتىم ياردەمچى پاس بېرىۋاتقان شىرئەلىجان نۆۋەتتە تۇڭشى كوماندىسىنىڭ يادرولۇق ئەزاسى بولۇپ، نومۇر ئېلىش، مۇداپىئە، ھۇجۇم تەشكىللەش، كوماندا ئەزالىرىغا مەدەت بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىپادىسى شىنجاڭ كوماندىسىدا تۇرۇۋاتقان ۋاقتىدىكىدىن قېلىشمىدى. تۇڭشى كوماندىسى ئۇنىڭ تەسىرىدە تېز سۈرئەتتە ئۆسۈپ يېتىلمەكتە.

ئۇنىڭدىن باشقا، تارباغاتايلىق جياۋئېنگېرمۇ تۇڭشى كوماندىسىنىڭ ئىچكى سېپىدىكى مۇھىم ئەزالارنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ، ئۆزىنىڭ كەسپىي ۋاسكىتبول ساھەسىدىكى يېڭى سەپىرىنى باشلىدى.

لى گېن، يۈ چاڭدۇڭ، سۈن تۇڭلىن، ۋاڭ زىرۈي قاتارلىق ماھىرلار بېيكۇڭ كوماندىسىدا ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى