تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

«مايچېچەك» كۈنگە قاراپ ئېچىلدى

 

  ساياھەتچىلەر باۋدىڭ شەھىرى لەيشۇي ناھىيەسى نەنيۈ كەنتىدىكى پۇقراۋى قونالغۇ ئالدىدىن ئۆتمەكتە (9-ئاينىڭ 4-كۈنى تارتىلغان).

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: خېبېي ئۆلكىسى باۋدىڭ شەھىرى لەيشۇي ناھىيەسىگە جايلاشقان نەنيۈ كەنتى ئىلگىرى كۈنسايىن چۆلدەرەۋاتقان نامرات كەنت ئىدى. جۇڭگو نامراتلارنى يۆلەش فوندى جەمئىيىتى ۋە جۇڭگو سەنشىڭ بىرلىكتە «گۈزەل يېزا-كەنت ـــ سەنشىڭ ھەمبەھىرلىگەن كەنت» كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈرىنى يولغا قويدى، نەنيۈ كەنتىنىڭ «مايچېچەك قاپلىغان تاغ ئېتىكى» پۇقراۋى قونالغۇ ماركىسى تۈرى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىغا مېڭىشىغا ياردەم بەردى.

  نەنيۈ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى دۇەن چۇنتىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نەنيۈ كەنتى يېزا-كەنت بايلىقىنى جانلاندۇرۇپ، دېھقانلار تۇرالغۇسى ساياھىتى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان بىكار تۇرۇپ قالغان كونا ئۆيلىرىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئوبوروت قىلىپ، قوغداش خاراكتېرلىك پىلان قوللىنىپ، «كونا نەرسىلەرنى كونا قىياپىتى بويىچە رېمونت قىلىش»قا خاسلاشتۇرۇشنى قوشۇپ ئۆزگەرتىش ھەم «مەنزىرە رايونى كەنتنى يېتەكلەش، قابىل كىشىلەر ئائىلىلەرنى يېتەكلەش» يېتەكچى ئىدىيەسى بويىچە كەنت مۇھىتىنى ياخشىلاپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ قىممىتىنى قايتا ياراتتى.

  بۈگۈنكى كۈندە، «مايچېچەك قاپلىغان تاغ باغرى» شۇ جايدىكى دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى، ئىلگىرىكى نامرات كەنت «ۋاڭخۇڭ داكا كەنت»كە ئايلاندى.  

بۇ 9-ئاينىڭ 4-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان باۋدىڭ شەھىرى لەيشۇي ناھىيەسى نەنيۈ كەنتىدىكى پۇقراۋى قونالغۇ توپىنىڭ كۆرۈنۈشى (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان).  

نەنيۈ كەنتىدىكى «مايچېچەك قاپلىغان تاغ باغرى» پۇقراۋى قونالغۇنىڭ باشقۇرغۇچىسى پۇقراۋى قونالغۇلارنى رەتلىمەكتە (9-ئاينىڭ 4-كۈنى تارتىلغان).

 نەنيۈ كەنتىدىكى «مايچېچەك قاپلىغان تاغ باغرى» پۇقراۋى قونالغۇنىڭ باشقۇرغۇچىسى پۇقراۋى قونالغۇلارنى رەتلىمەكتە (9-ئاينىڭ 4-كۈنى تارتىلغان).

 بۇ 9-ئاينىڭ 4-كۈنى تارتىلغان باۋدىڭ شەھىرى لەيشۇي ناھىيەسى نەنيۈ كەنتىدىكى پۇقراۋى قونالغۇدىن بىر كۆرۈنۈش.

 نەنيۈ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى دۈەن چۇنتىڭ (ئوڭدا) پۇقراۋى قونالغۇنىڭ باشقۇرغۇچىسىدىن ئەھۋال ئىگىلىمەكتە (4-ئاينىڭ 27-كۈنى تارتىلغان).

 نەنيۈ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى دۈەن چۇنتىڭ تېلېفون قوبۇل قىلماقتا (9-ئاينىڭ 3-كۈنى تارتىلغان).

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ شياۋ فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى