شىنجاڭنىڭ كۈز مەنزىرىسى ناھايىتى رەڭدار بولۇپ، خۇددى رەڭ تەڭشەش تاختىسىغا ئوخشايدۇ. غۇلجا شەھىرى ئىلى دەرياسى بويىدا سەيلە قىلسىڭىز، قىرغاقتىكى دەل-دەرەخلەرنىڭ يوپۇرماقلىرى سېرىق، يېشىل رەڭدە گىرەلىشىپ، رەڭگارەڭ تۈسكە كىرگەنلىكىنى بايقايسىز. دەريا سۈيى قۇياش نۇرىدا تېخىمۇ سۈزۈك ھەم ھەر خىل رەڭدە كۆرۈنىدۇ. يىراقتا، دەريا سۈيى قورشاپ تۇرغان كىچىك ئارالدا ئوت-چۆپلەر بولۇق ئۆسكەن بولۇپ، سارغايغان، قىزارغان يوپۇرماقلار كۆزنى قاماشتۇرىدۇ. كۈز پەسلى ئىلى دەرياسى بويى ئادەتتىن تاشقىرى گۈزەل تۈسكە كىرىپ، كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ.
«学习强国» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى