شىنخۇا تورى خەۋىرى (مۇخبىرلار لى شۇلىڭ، ماۋئالا تېڭتۇيا خەۋىرى): يەنە بىر يىلدىكى لازا ئۈزۈش مەزگىلى يېتىپ كەلدى، خېجىڭ ناھىيەسىدە بۇ يىل 192 مىڭ 700 مو يەردىكى پىگمېنتلىق لازىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى، ئېتىز باشلىرىدا دېھقانلارنىڭ لازا ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرگىلى بولاتتى.
گولجېت ئۇل يېزىسى چاخەنۋۇسۇ كەنتىنىڭ ئېتىز باشلىرىدا، دېھقانلار لازا يىغىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. 58 ياشلىق نىمجاپ ھەر قېتىم لازىدىن مول ھوسۇل ئېلىش مەزگىلى كەلگەندە «لازا ئۈزگۈچىلەر قوشۇنى»غا قوشۇلۇپ، ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ. يېشى 60قا يېقىنلىشىپ قالغان بولسىمۇ، ياشلاردىن ئازراقمۇ قېلىشمايتتى، بىر كۈندە 200 يۈەندىن ئارتۇق پۇل تېپىشىدا گەپ يوق. بۇ ئۇنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى بىر يول ئىدى:«ھازىر كۈزلۈك لازا ئۈزۈشنىڭ ياخشى پۇرسىتى، مەن ھەر يىلى لازا ئۈزىمەن، ھەر كۈنى لازا ئۈزۈپ 200 يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپالايمەن، لازا ئۈزسەم 4000 يۈەندىن 5000 يۈەنگىچە پۇل تېپىپ، كىرىمىمنى ناھايىتى ياخشى ئاشۇرالايمەن» دېدى كەنت ئاھالىسى نىمجاپ.
بۇ يىل، گولجېت ئۇل يېزىلىق پارتىيە كومىتېتى ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، لازىدىن مول ھوسۇل ئېلىش مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەشكە بىرلەشتۈرۈپ، ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ، چاخەنۋۇسۇ كەنتىدىكى 200دىن كۆپرەك ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنى لازا ئۈزۈشكە تەشكىللەپ، ئەمگەك كۈچىنى سىرتقا چىقىرىش ئەندىزىسىدىن پايدىلىنىپ، قىسقا مۇددەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇردى.
گولجېت ئۇل يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن يېزا باشلىقى ئەي جۈن مۇنداق دېدى:«بۇ يىل گولجېت ئۇل يېزىسىنىڭ لازا تېرىلغۇ كۆلىمى 8000 مودىن ئاشىدۇ، بۈگۈن بىزنىڭ چارۋىچىلار لازا ئۈزۈۋاتىدۇ، بۇمۇ بىزنىڭ بىر يىلدىن بۇيانقى چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى بىر يولىمىز، بۇ ئىككى، ئۈچ يىلدا چارۋىچىلارنىڭ ئاكتىپلىقىمۇ ناھايىتى يۇقىرى، كىرىممۇ ناھايىتى ياخشى بولدى».
ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل خېجىڭ ناھىيەسىدە پىگمېنتلىق لازا تېرىلغۇ كۆلىمى 192 مىڭ 700 موغا يېتىپ، مو بېشى مەھسۇلاتى 411 كىلوگىرامغا يەتكەن، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.7 ئاشقان.
مەنبە: خېجىڭ ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى