تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

«مەملىكەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۈنى» شىنجاڭ ئاساسىي مەيدان پائالىيىتى قوزغىتىلدى

9-ئاينىڭ 18-كۈنى، لوپنۇر ناھىيەلىك ياشلار-ئۆسمۈرلەر پائالىيەت مەركىزىنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمەتچى خادىمى ئوقۇغۇچىلارغا كاتەكچىلەپ ئوت-چۆپ ئۆستۈرۈپ، بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش بىلىملىرىنى چۈشەندۈرمەكتە.

(لى فېي فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شې خۈيبيەن خەۋىرى): 9-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو پېشقەدەم پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ پېشقەدەم پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى جاڭ گولياڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۇنجى پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت مۇنبىرى تۈرىدىكى پىروگراممىسى «تىيانشان مۇنبىرى»دە «مەملىكەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۈنى» توغرىسىدا مەخسۇس دوكلات بېرىپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش، ئاممىۋى خاراكتېرلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتى ماركىسى «مەملىكەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۈنى»نىڭ ئەھۋالى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالى ۋە كەلگۈسىگە نەزەر سېلىش قاتارلىقلارنى تونۇشتۇردى ھەم تاماشىبىنلار بىلەن توردا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، 2020-يىللىق «مەملىكەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۈنى» شىنجاڭ ئاساسىي مەيدان پائالىيىتىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى.

بۇ يىللىق مەملىكەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۈنى پائالىيىتىنىڭ باش تېمىسى «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، خەلق ئۈچۈن پەن-تېخنىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش» بولۇپ، پائالىيەت 9-ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ. پائالىيەت مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن بىرلىكتە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى تەشكىلاتلىرى، ئىلمىي جەمئىيەتلەر، ئالىي مەكتەپلەر ۋە كارخانا پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىنى تەشكىللەپ ۋە سەپەرۋەر قىلىپ، مول، كۆپ خىل، قاپلاش دائىرىسى كەڭ بولغان پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئوقۇشلۇقى، تېجەشلىك يېڭى كەيپىيات، كارخانا پەن-تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش، پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى ئۆگىنىش، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق توردىكى، تور سىرتىدىكى پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردى، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايوننىڭ دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنىڭ تەلىپىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، سەھىيە-ساغلاملىق بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش، ئاممىۋى بىخەتەرلىك بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق توردىكى ۋە تور سىرتىدىكى يۈرۈشلۈك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بىرلەشمە ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، «كۆپ بازا، كۆپ سەپ، كەڭ قاپلاش، تەڭ قاتنىشىش»تەك مەملىكەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۈنى يۈرۈشلۈك پائالىيىتى تورىنى شەكىللەندۈردى. بۇ پائالىيەت 8-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن باشلاپ جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ «مەملىكەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۈنى» تور سۇپىسىدا ئىلتىماس قىلىنىپ قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 287 ئورۇن جەمئىي 415 تۈرلۈك نۇقتىلىق پائالىيەتنى يولغا قويدى.

«مەملىكەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۈنى» پائالىيىتى 2004-يىلى قوزغىتىلغاندىن بۇيان، ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيەتلىرى ۋە كەڭ پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى ئاساسىي قاتلامغا، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈشكە سەپەرۋەر قىلىپ، مول مەزمۇنلۇق، سەرخىل پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەيدان-سارايلىرى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيە بازىسى، پەن-تېخنىكا تەجرىبىخانىسى قاتارلىق پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيەت سورۇنلىرى ئاممىغا ھەقسىز ياكى ئېتىبار باھادا ئېچىۋېتىلدى، پۈتۈن جەمئىيەتتە «ھەممە ئادەم پەننى ئومۇملاشتۇرىدىغان ئادەم، ھەممە جاي پەننى ئومۇملاشتۇرىدىغان ئورۇن» دېگەن قويۇق پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كەيپىياتىنى يارىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىلىم-پەنگە ئەھمىيەت بېرىش، ئىلىم-پەننى سۆيۈش، ئىلىم-پەننى ئۆگىنىش، ئىلىم-پەندىن پايدىلىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغاپ، ئىلىم-پەن روھى ۋە پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىدىن ئومۇمىي خەلقنى ئورتاق بەھرىمەن قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلارنى يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى شىنجاڭ بەرپا قىلغان پۇقرالارنىڭ ئىلىم-پەن ساپاسى مۇنبەت تۇپرىقىغا سىڭدۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى