تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى يىغىۋېلىش، يۆتكەپ توشۇش، بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسى %90 مەمۇرىي كەنتنى قاپلىدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ يۈجاۋنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى يىغىۋېلىش، يۆتكەپ توشۇش ۋە بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە ئورنىتىلغان. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى يىغىۋېلىش، يۆتكەپ توشۇش، بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسى قاپلىغان يېزا - بازار 861 بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 889 يېزا - بازارنىڭ %96.85ىنى ئىگىلىگەن؛ يىغىۋېلىش، يۆتكەپ توشۇش، بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسى قاپلىغان مەمۇرىي كەنت 8149 بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 9021 مەمۇرىي كەنتنىڭ %90.33ىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، «ئاپتونوم رايوننىڭ يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»دە بېكىتىلگەن يېزا تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈزەش نىشانى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

بۇ يىل يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتى تاماملىنىدىغان يىل. ھازىرغا قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلاردىكى مۇنتىزىم بولمىغان ئەخلەت دۆۋىلەش نۇقتىسىدىن جەمئىي 145نى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ چىقىپ، تۈزەپ تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈشنى تولۇق تاماملىدى. ھەرقايسى جايلار مۇنتىزىم بولمىغان ئەخلەت دۆۋىلەش نۇقتىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، دەرھال تەكشۈرۈپ دەرھال تۈزىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭىدىن كۆپىيىشنى قەتئىي توسىدۇ.

بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈزەش قۇرۇلۇش تۈرى جەمئىي 53 بولۇپ، ئاساسلىقى ئالتاي، قەشقەر، بايىنغولىن قاتارلىق ئون ۋىلايەت، ئوبلاستقا چېتىلىدۇ. 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگە قەدەر، 38 تۈردە ئىش باشلىنىپ، ئىش باشلاش نىسبىتى %71.7كە يەتتى؛ 15 تۈردە قۇرۇلۇش پۈتتى، تاماملانغان سېلىنما 660 مىليون يۈەندىن ئارتۇق بولۇپ، سېلىنما تاماملاش نىسبىتى %60كە يېقىنلاشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: ھەرقايسى جايلار ئالاقىدار تەلەپلەر بويىچە، يېزا - بازار، كەنتلەرنى شەھەر - يېزا مۇھىت تازىلىقىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى پۇرسەت دەپ بىلىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، يېزا تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈزەش نىشان - ۋەزىپىلىرىگە توغرىلىنىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى، ئاجىز تۈرلەرنى تولۇقلايدۇ. يېزا تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈزەش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ بولغان رايونلار «بەش بولۇش»(تولۇق ئەسلىھە - ئۈسكۈنىلەر بولۇش، پىشقان تۈزەش تېخنىكىسى بولۇش، مۇقىم بولغان تازىلىقچىلار قوشۇنى بولۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مەبلەغ كاپالىتى بولۇش، مۇكەممەل بولغان نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تۈزۈمى بولۇش) ئۆلچىمىگە سېلىشتۇرۇپ، تۈزەش نەتىجە - ئۈنۈمىنى سىجىل مۇستەھكەملىشى كېرەك. تۈزەش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ بولالمىغان رايونلار يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئەسلىھەلەرنى سەپلەش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يىغىۋېلىش، يۆتكەپ توشۇش، بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون بېكىتكەن خىزمەت نىشانىنى يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى