كۈز پەسلىدە، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قۇتۇبى ناھىيەسىدىكى شياۋخەيزې سۇلۇق يېرىدە، نېلۇپەر پورەكلەپ ئېچىلىپ، سۇ يۈزى قات-قات نېلۇپەر يوپۇرماقلىرى بىلەن لىق تولدى. ياپيېشىل نېلۇپەر يوپۇرماقلىرى خۇددى كۈنلۈكتەك شامالدا لەپىلدەپ، يېشىل دولقۇن مەۋج ئۇرۇپ، نېلۇپەر ۋە ئېچىلىش ئالدىدىكى غۇنچە يېشىل دولقۇنغا ھۆسىن قوشۇپ، ئىنتايىن گۈزەل تۈسكە كىردى.
بۇ جايدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر نەچچە ياۋا غاز توختاپ بىردەم ئارام ئېلىپ، نېلۇپەر ئارىسىدا ئەركىن ئۈزۈپ، نېلۇپەر كۆلچىكىگە ھاياتىي كۈچ قوشتى.
تىيانشان تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
(ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى باش نەشىرىياتى)