تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز خۇاڭ شىڭ خەۋەر قىلىدۇ): 9-ئاينىڭ 13-كۈنى، شىنجاڭ گۇاڭخۇي فېيخۇ ۋاسكېتبول كۇلۇبى يۈ دېخاۋ، ۋاڭ جېڭبو، لياڭ يىڭچى، ۋۇ يۇڭشېڭنىڭ كوماندىغا قوشۇلغانلىق خەۋىرىنى ئېلان قىلدى، ھازىرغا قەدەر، زېڭ لىڭشۈ، جوۋ چى، ئابدۇسالام يادرولۇقىدىكى پۈتۈنلەي يېڭى يەرلىك قوشۇن مەيدانغا چىقتى، يېڭى قوشۇندىكى بەش ماھىر دۆلەت كوماندىسىدا توپ ئويناپ باققان. نۆۋەتتە فېيخۇ كوماندىسىنىڭ يېڭى مۇسابىقە پەسلىدىكى قوشۇنىدا يەنە بىر نەچچە چەت ئەللىك ماھىر كەمچىل، كۇلۇب ھازىر موتېيوناس ۋە فوگنىڭ كوماندىغا قوشۇلۇش ئىشى ئۈستىدە كېڭىشىۋاتىدۇ.
شىنجاڭ فېيخۇ كوماندىسىنىڭ يېڭى قوشۇنىدا، نۇرغۇن توپچىلار 95-يىللار، 2000-يىللاردا تۇغۇلغانلار بولۇپ، بۇ مۇسابىقە پەسلىدە، ئەزىمەت تۇرسۇن، ۋاڭ شياۋيى، يې جىڭۋېندىن ئىبارەت ئۈچ ماھىر ياشلار كوماندىسىدىن بىرىنچى كوماندىغا كىردى، يۈ دېخاۋ، ۋاڭ جېڭبو، لياڭ يىڭچى، ۋۇ يۇڭشېڭدىن ئىبارەت تۆت ماھىر شىنجاڭ كوماندىسىغا قوشۇلدى.