تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

يۇقۇم جەريانىدا «كۆكتات» توشۇۋاتقان كېچىدە يول يۈرگۈچىلەر

شىنجاڭ جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش سودا بازىرىدا، چېن جىنچى (ئوڭدا) كاللەكبەسەي سېتىۋالماقتا (8-ئاينىڭ 8-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ گې فوتوسى

شىنخۇا تورى خەۋىرى: كېچىدە، شىنجاڭ جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرىدىكىلەر ئادەتتىن تاشقىرى ئالدىراش بولۇپ كەتكەنىدى. خىلمۇخىل كۆكتاتلار بۇ يەرگە يىغىلغان بولۇپ، نۇرغۇنلىغان كۆكتات سودىگىرى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ كۆكتات سېتىۋېلىپ، «چۈمۈلىنىڭ ئۆي كۆچۈشى» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، كۆكتاتلارنى سائەت 9دىن بۇرۇن بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسىدىكى مال ئىشكابىغا تىزىپ، ئاھالىلەرنىڭ تاللاپ سېتىۋېلىشىغا قولايلىق ياراتماقچى بولدى. چېن جىنچىمۇ دەل شۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرى.

چېن جىنچى مەسئۇل بولغان ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى ياڭزىجياڭ كوچا باشقارمىسى چىڭسۇڭيۈەن مەھەللىسى كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسى ئۈچ مەھەللە ۋە بىر دوختۇرخانىغا تەسىر كۆرسىتەتتى. «بۇ قېتىم ئۈرۈمچىدە يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، بىز ئىزچىل ئىشىكنى تاقىماي، ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىنى زور كۈچ بىلەن قاندۇردۇق» دېدى چېن جىنچى.

سەھەر سائەت تۆت چېن جىنچىنىڭ بىر كۈنلۈك ئالدىراشچىلىقىنىڭ باشلانغان ۋاقتى. بۇ چاغدا، ئۇ مىنىبۇسنى 20 مىنۇت ئەتراپىدا ھەيدەپ ئۈرۈمچىدىكى ئەڭ چوڭ بىرىنچى دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرى شىنجاڭ جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرىغا مال سېتىۋېلىش ئۈچۈن ماڭدى.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن، چېن جىنچى بازارغا كىردى. ئۈنۈمنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇ مىنىبۇستىن چۈشۈپ، ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتنى ھەيدەپ، بۇ چوڭ بازارنى ئارىلاشقا باشلىدى. «خاڭگا قانچە پۇل، شوخلىچۇ، شياۋبەسەينى نەچچە پۇلدىن ساتتىڭىز...» يېڭىلىقى ۋە ساپلىقى، باھاسى، سۈرئەت جەھەتتە چېن جىنچى ھەمىشە ئەڭ ياخشى بىرىكىش نۇقتىسىنى تاپالايتتى.

ئىككى يېرىم سائەتتىن كېيىن، ئومۇمىي ئېغىرلىقى بىر توننىدىن ئاشىدىغان يېڭى، ساپ كۆكتات تۆت تۈركۈمگە بۆلۈپ سېتىۋېلىنىپ مىنىبۇسقا قاچىلاندى. «ھازىر بازاردا ھەرخىل كۆكتاتلار ئىنتايىن مول، شەندۇڭنىڭ زەنجىۋىلى، ۋۇجياچۈنىڭ چىڭسىيى، خېنەننىڭ سۇەنتەيزىسى قاتارلىقلارنى ئوڭۇشلۇق سېتىۋالغىلى بولىدۇ.» چېن جىنچى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر ئەڭ مۇھىمى بۇ يېڭى كۆكتاتلارنى ئاھالىلەرنىڭ قولىغا تېز سۈرئەتتە يەتكۈزۈپ بېرىش.

ئۈچ سائەتكە يېقىن ئالدىراش بولغاندىن كېيىن، بۇ شەھەردە تاڭ ئاستا-ئاستا يورۇشقا باشلىدى. چېن جىنچى ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ قايتىش سەپىرىدە، تاڭ سەھەردىكى ئالتۇن رەڭلىك قۇياش نۇرى ئۇنىڭ قارىداپ كەتكەن چىرايىنى يورۇتۇپ تۇراتتى. «ئۆز ئىشىمنى ياخشى قىلساملا كۇپايە، مەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئاھالىلەرنى يېڭى كۆكتات بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمەن.»

بىر يىل ئىچىدە چاغاننىڭ ھارپىسى ۋە بىرىنچى كۈنىدىلا ئارام ئالالايدىغان چېن جىنچى، بۇ شەھەرنىڭ ئۇنىڭغا ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن بەكرەك  موھتاج ئىكەنلىكىنى بىلەتتى.

شىنجاڭ جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش سودا بازىرىدا، چېن جىنچى (سولدا) ۋاۋاسەي سېتىۋالماقتا (8-ئاينىڭ 8-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ گې فوتوسى

شىنجاڭ جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش سودا بازىرىدا، چېن جىنچى سېتىۋالغان كۆكتاتلارنى مىنىبۇسقا توشىماقتا. (8-ئاينىڭ 8-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ گې فوتوسى

شىنجاڭ جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش سودا بازىرىدا، ئۈچ چاقلىق توكسىكلىت ھەيدىۋالغان چېن جىنچى توختىماي ئۇياق-بۇياققا قاراپ، خالىغان ۋاقىتتا توختاپ يېڭى كۆكتات سېتىۋېلىش ئۈچۈن تەييار تۇرماقتا (8-ئاينىڭ 8-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ گې فوتوسى

شىنجاڭ جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش سودا بازىرىدا، ئۈچ چاقلىق توكسىكلىت ھەيدىۋالغان چېن جىنچى بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسىدىكى خىزمەتچى بىلەن تېلىفوندا سۆزلەشمەكتە، بۇنداق بولغاندا ئۇ شۇ كۈنى سېتىۋالىدىغان كۆكتاتلارنىڭ تۈرى ۋە سانىنى خالىغان ۋاقىتتا تەڭشىيەلەيدۇ (8-ئاينىڭ 8-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ گې فوتوسى

شىنجاڭ جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش سودا بازىرىدا، چېن جىنچى (ئوڭدا) يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارنى سېتىۋالماقتا (8-ئاينىڭ 8-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ گې فوتوسى

چېن جىنچى ئاپتوموبىل ھەيدەپ قايتىش يولىدا (8-ئاينىڭ 8-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان). كېيىنكى قەدەمدە، ئۇ كۆكتاتلارنى تېز سۈرئەتتە بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسىدىكى مال ئىشكابىغا تىزىدۇ. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ گې فوتوسى

بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسى رەسمىي تىجارەت باشلاشتىن بۇرۇن، چېن جىنچى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش خىزمىتىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئىشلىمەكتە (8-ئاينىڭ 8-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ گې فوتوسى

ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى ياڭزىجياڭ كوچا باشقارمىسى چىڭسۇڭيۈەن مەھەللىسىدىكى كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسىدا، چېن جىنچى (ئالدىدا) ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەرگە ياردەملىشىپ كۆكتات سېتىۋىلىۋاتقان پىدائىيلارغا توردا چۈشكەن زاكاز بويىچە كۆكتات تاللىشىپ بەرمەكتە (8-ئاينىڭ 8-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ گې فوتوسى

ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى ياڭزىجياڭ كوچا باشقارمىسى چىڭسۇڭيۈەن مەھەللىسىدىكى كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسىدا، چېن جىنچى (ئوڭدا) كۆكتاتلارنى مال ئىشكابىغا تىزماقتا (8-ئاينىڭ 8-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ گې فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى