7-ئاينىڭ 25-كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسى ئەرشىلدەن بازىرى لىنجۇخۇ كەنتىدىكى بۇغدايلىقتا، دېھقانلار مەڭگەن تايلاش ماشىنىسىدا مەشغۇلات قىلماقتا.
سانجى گېزىتى خەۋىرى: نۆۋەتتە، قۇتۇبى ناھىيەسى بۇغداينى تېز ئورۇش بىلەن بىللە، بۇغداي مەڭگەنلىرىنى يىغىۋېلىپ قايتا پايدىلىنىشنى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇردى. يىغىۋېلىنغان مەڭگەنلەرنى چارۋا باقمىچىلىقى، بىيولوگىيەلىك توك چىقىرىش قاتارلىق ساھەلەرگە ئىشلىتىشكە بولۇپلا قالماي، ئۇنى كۆيدۈرۈشتىن پەيدا بولىدىغان بۇلغىنىشنى ئازايتقىلى بولىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، ھەر مو يەردىكى بۇغداي مەڭگىنى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى 50 يۈەن ئەتراپىدا ئاشۇرىدىكەن.(تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى)