تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«شىنجاڭ ياسىمىچىلىقى»نىڭ توپلىنىش ۋەزىيىتى شەكىللەنمەكتە

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى شى شىن، ليۇ شياڭ، جېن شىشىن، جاڭ ئاۋ، لۈ يىخەن، پىراكتىكانت جياڭ يىياۋ

بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتىدىكى تەتقىقاتچىلار يەنىلا جىنشاجياڭ دەرياسى ۋۇدۇڭدې سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ توك تارقاتقانلىق خۇش خەۋىرىنىڭ خۇشاللىقى ئىچىدە ئىدى. بۇ قۇرۇلۇش ۋۇدۇڭدې ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىن گۇاڭدۇڭ - گۇاڭشى ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق كۆپ ئۇچلۇق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش ئۈلگە قۇرۇلۇشىنىڭ توك مەنبە نۇقتىسى بولۇپ، ئۇنىڭ مۇھىم، زور جابدۇق كاپالىتىنى ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتى تەمىنلىگەنىدى.

توك يەتكۈزۈش، بېسىم ئۆزگەرتىش يۇقىرى تېخنىكىلىق جابدۇق ياسىمىچىلىقى ئۇنىۋېرسال ياسىمىچىلىق ئىقتىدارىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى بولۇپ، «شىنجاڭ ياسىمىچىلىقى»نىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيە جابدۇقلىرى، توك يەتكۈزۈش، بېسىم ئۆزگەرتىش جابدۇقلىرىنى خاس ئەۋزەللىك، ئاپتوموبىل، يېزا ئىگىلىك، دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىق ماشىنىلىرى، قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى، نېفىت، نېفىت خىمىيە جابدۇقلىرى، ئېغىر تىپتىكى كان ماشىنىلىرى قاتارلىقلارنى ئاساس قىلغان شىنجاڭچە خاسلىق ۋە ئەۋزەللىككە ئىگە جابدۇق ياسىمىچىلىق سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى.

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، «شىنجاڭ ياسىمىچىلىقى» توپلىنىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرمەكتە، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىقنىڭ قەدىمى تېزلەشمەكتە، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى كۈنسېرى كۈچەيمەكتە.

2020 - يىلى «شىنجاڭ ياسىمىچىلىقى»غا نىسبەتەن ئېيتقاندا پەۋقۇلئاددە يىل بولدى. كىرىزىس ئىچىدە يېڭى پۇرسەت يېتىلدۈرۈلۈپ، ئۆزگىرىش ئىچىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلىپ، ئالدىنقى يېرىم يىلدا شىنجاڭنىڭ ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى %2.7 ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.2 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.

توپلىنىپ تەرەققىي قىلىپ، كەسىپ زەنجىرى تولۇقلاندى، ئۇزارتىلدى، كۈچەيتىلدى

«دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتىدە، شىركىتىمىز پۈتۈن يىللىق نىشاننى بوشاشتۇرماي چىڭ كۆزلەپ، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا 2157 ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقاردى، بۇ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش مىقدارىمىز بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تەخمىنەن %10 ئەتراپىدا ئېشىشى مۇمكىن» دېدى 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى گۇاڭجوۋ ئاپتوموبىل گۇرۇھى چۇەنچى يولۇچى ئاپتوموبىلى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى ياساش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى لو خەيتيەن تونۇشتۇرۇپ.

بۈگۈنكى كۈندە، ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)دا گۇاڭجوۋ ئاپتوموبىل گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى، شاڭخەي داجۇڭ (شىنجاڭ) ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتى، شەنشى ئاپتوموبىل پاي كونترول گۇرۇھى شىنجاڭ ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتى، دۇڭفېڭ ئاپتوموبىل گۇرۇھى شىنجاڭ ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتى ۋەكىللىكىدىكى ئاپتوموبىل كەسپى شەكىللەندى، ئۇلارنىڭ مەھسۇلات قىممىتى پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئاپتوموبىل ياساش كەسپىنىڭ %97ىنى ئىگىلىدى. بۇ يەر شىنجاڭ بېكىتكەن ئىلغار ياسىمىچىلىق بازىسى بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە تۇنجى شامال كۈچى ئېلېكتىر جابدۇقى، تۇنجى يولۇچى ئاپتوموبىلى، تۇنجى تونېل جابدۇقى، تۇنجى مېترو پويىزى، تۇنجى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېرمىنال قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بۇ يەردە ئىشلەپچىقىرىلىپ، شىنجاڭنىڭ ياسىمىچىلىق كەسپىدىكى نۇرغۇن بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، شىنجاڭ جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى.

ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات (تۇدۇڭخابا رايونى) رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي مۇئاۋىن رايون باشلىقى لى خېزۇ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۆزدە تۇتۇپ، باغچە رايونى كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈشنى زورايتىپ، بىر تۈركۈم نۇقتىلىق كارخانىلارنى كىرگۈزۈپ، شامال كۈچى ئېلېكتىر جابدۇقى، ئاپتوموبىل ياسىمىچىلىقى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېرمىنال، رېلىسلىق قاتناش جابدۇقى، قۇرۇلۇش - يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئاساس قىلغان، تۈرلىرى بىرقەدەر تولۇق بولغان ئىلغار ياسىمىچىلىق سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى. 2019 - يىلى بۇ رايوننىڭ ئىلغار ياسىمىچىلىق مەھسۇلات قىممىتى 28 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %43 ئاشتى.

«ئىلغار ياسىمىچىلىق بازىسى بەرپا قىلىش جەريانىدا، بىز تۈرلۈك كارخانىلارغا تىرىشىپ ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىپ بېرىمىز.» لى خېزۇ مۇنداق دېدى: باغچە رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش بىلەن بىللە، باغچە رايونى كارخانىلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ھەر تەرەپلىمە يۆلەك بولىدۇ. يېقىنقى ئۈچ يىلدا، دۆلەت سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ قوللاش مەبلىغىدىنلا 200 مىليون يۈەندىن كۆپرەكنى قولغا كەلتۈردى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن كېيىن، بۇ رايون يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر تۈرلۈك سىياسەت تەدبىرلىرىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈردى، قارىماق رايونىدىكى كارخانىلار بەھرىمەن بولغان تۈرلۈك كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش، كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش، كېچىكتۈرۈش قاتارلىق ئېتىبارلار 5 مىليارد 100 مىليون يۈەنگە يەتتى.

كەسىپ زەنجىرى تولۇقلىنىپ، ئۇزارتىلىپ، كۈچەيتىلىپ، كەسىپلەرنىڭ توپلىنىش ئۈنۈم ئېففېكتى كۈچەپ بەرپا قىلىنىپ، ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) ۋەكىللىكىدىكى شىنجاڭ ياسىمىچىلىقى كەسىپلەر توپلىنىش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلماقتا.

ئەقلىي ئىقتىدار يېتەكچى قىلىنىپ، كەسىپ زەنجىرىدە «يېشىل تۈس» قويۇقلاشتى

ئالاقە تورى دەۋرىدە، يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش شەكلى، تەشكىلىي باشقۇرۇش ۋە سودا ئەندىزىسى قاتارلىق جەھەتلەردىن ياسىمىچىلىقنى قايتا بەرپا قىلىش شىنجاڭ ياسىمىچىلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئاچقۇچى.

69 يىللىق تەرەققىيات تارىخىغا ئىگە باۋگاڭ گۇرۇھى شىنجاڭ 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر چەكلىك شىركىتى بۇ يۈزلىنىشكە ماسلىشىپ، «مەشغۇلات ئۆيىنى بىردەك مەركەزلەشتۈرۈش، مەشغۇلاتنى بىردەك ماشىنا ئادەم قىلىش، يۈرۈشتۈرۈش - ئاسراشنى بىردەك يىراق مۇساپىلىك قىلىش، مۇلازىمەتنى بىردەك تورغا چىقىرىش»تىن ئىبارەت «تۆتنى بىردەك قىلىش» نىشانى بويىچە، ئاقىل ياسىمىچىلىق خىزمىتىنى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتتى ھەمدە بۇ ئارقىلىق كارخانا تەرتىپىنى قايتىدىن بېكىتىش، باشقۇرۇش ئىسلاھاتى ۋە سودا ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، كارخانىنىڭ يېشىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىرغىچە، شىنجاڭدا يېڭى ئېنېرگىيە جابدۇقى، توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش جابدۇقى، ئاپتوموبىل قاتارلىق ئىلغار جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ رەقەملەشكەن تەتقىق قىلىپ ئېچىش، لايىھەلەش قورالىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %70تىن ئاشقان. قىسمەن كارخانىلار كەپشەرلەش، پۈركۈپ سىرلاش، قۇراشتۇرۇش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ئىش ئورۇنلىرىدا مېخانىك قول، ماشىنا ئادەمنىڭ ئورۇن ئېلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، كەسىپلەرنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇشنى قوللىنىش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلگەن.

يېشىل تەرەققىيات ياسىمىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى زۆرۈر مەزمۇن. ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنى يېشىللاشتۇرۇش كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاشتا ئىنتايىن مۇھىم.

ئۈرۈمچى گەنچۈەنباۋ ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(سانائەت رايونى)غا جايلاشقان شىنتې ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى ساھە بويىچە تۇنجى يېشىل مەھسۇلات، يېشىل زاۋۇت، يېشىل تەمىنلەش زەنجىرى ئېتىراپنامىسىگە ئېرىشكەن ئۈلگىلىك كارخانا.

«يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېشىل تەرەققىيات بولۇشى كېرەك. يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتە، بىز ئۆزىمىز قول سېلىپ ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ نەتىجە يارىتىمىز.» شىنتې ئېنېرگىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى لى شىلياڭ مۇنداق دېدى: كارخانىمىز بەش قارارلىق قۇرۇلۇش ئارقىلىق، «قۇرۇلمىلار ئارا كىچىك ئايلىنىش، كەسىپلەر ئارا ئوتتۇرا ئايلىنىش، باغچە رايونىدا چوڭ ئايلىنىش»نى تاماملاپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىدە «يېشىل تۈس»نى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى بىلەن يېشىل تەرەققىياتنىڭ ئورگانىك بىرلىككە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

يېڭىلىق يارىتىلىپ، دەرىجە ئۆستۈرۈلۈپ، ساھە ئېگىزلىكى بەرپا قىلىندى

ۋۇدۇڭدې ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىن گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشىغا ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق كۆپ ئۇچلۇق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش ئۈلگە قۇرۇلۇشىدا كۆپ تۈردە رېكورت يارىتىلدى، يەنى، دۇنيادىكى تۇنجى ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق كۆپ ئۇچلۇق ئارىلاشما تۇراقلىق توك قۇرۇلۇشى، دۇنيادىكى تۇنجى ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق ئېلاستىكلىق تۇراقلىق توكنى ئۆزگىرىشچان توكقا ئايلاندۇرۇش پونكىتى قۇرۇلۇشى، دۇنيا بويىچە سىغىمى ئەڭ چوڭ ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق كۆپ ئۇچلۇق تۇراقلىق توك يوللاش قۇرۇلۇشى.

ئالاھىدە تىرانسفورموتور شىركىتى بۇ قۇرۇلۇشنىڭ توك يوللاش ئۇچى بولغان كۇنبېي ئايلاندۇرۇش پونكىتىنى 14 يۇقىرى تېخنىكىلىق تۇراقلىق توكنى ئۆزگىرىشچان توكقا ئايلاندۇرۇش تىرانسفورموتورى بىلەن، قوبۇل قىلىش ئۇچى بولغان لۇڭمېن پونكىتىنى 24 دانە كۆۋرۈك يەلكىلىك رېئاكتور بىلەن، گۇاڭشى ليۇبېي ئايلاندۇرۇش پونكىتىنى ئىككى يۈرۈش 800± كىلوۋولتلۇق ئېلاستىكلىق تۇراقلىق توك ئايلاندۇرۇش كىلاپانى بىلەن تەمىنلىدى.

«بۇ تۈرگە قاتنىشىش جەريانىدا، ئالاھىدە تىرانسفورموتور شىركىتى نۇرغۇن <تۇنجى قېتىم>نى سىناق قىلدى، يەنى تۇنجى قېتىم ئېلاستىكلىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش تېخنىكىسىدا ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى توك بېسىم دەرىجىسىنى ئالاھىدە يۇقىرى توك بېسىم دەرىجىسىگە كۆتۈردى، تۇنجى قېتىم دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى 800± كىلوۋولتلۇق كۆۋرۈك يەلكىلىك رېئاكتورنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى، بۇلار شىركەتنىڭ ئېلاستىكلىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش ساھەسىدە يېڭى تېخنىكىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ» دېدى ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش لىدىر خۇاڭ خەنجيې.

دۇنيا بويىچە ئېنېرگىيە تېجەپ توك يەتكۈزۈش تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشقا ۋەكىللىك قىلىدىغان بۇ باشلامچى قۇرۇلۇشقا قاتنىشىش شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تىرانسفورموتور ساھەسىدىكى يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىش ئىقتىدارىنى يەنە بىر قېتىم دەلىللىدى.

يېڭىلىق يارىتىشتا توختىماي ئىزدىنىۋاتقانلاردىن يەنە جىنفېڭ پەن - تېخنىكىسىمۇ بار.

«شامال ئېلېكتىر گېنېراتورىغا سېنزور ئورنىتىلسا ئادەمگە ئوخشاش شامال ئەھۋالى، تېمپېراتۇرىنى ھېس قىلالايدۇ، ناۋادا قايسىبىر ھالقىدا كاشىلا كۆرۈلسە، ئۇ سانلىق مەلۇماتلارنى يۇمشاق دېتال سۇپىسىغا ئاپتوماتىك يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، تېخنىك خادىملار بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلىپ ھەل قىلىش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ.» بۇ ئاددىي مىسالدىن، جىنفېڭ پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ۋۇ گاڭنىڭ سانائەت ئالاقە تورىنىڭ كارخانىلارنىڭ رەقەملىشىپ تىپىنى ئۆزگەرتىشىگە كۈچ قوشۇشى توغرىسىدىكى چۈشەنچىسىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

جىنفېڭ پەن - تېخنىكىسى دۆلەت ئىچىدە شامال ئېلېكتىرىنىڭ پۈتۈن ھاياتلىق دەۋرى مۇلازىمىتىنى ھەممىدىن بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويغان كارخانىلارنىڭ بىرى، ئۇنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇشتىكى «شامال ئېلېكتىرى مەيدانىنىڭ پۈتۈن ھاياتلىق دەۋرى مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش تۈرى» سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ تۇنجى تۈركۈم مۇلازىمەت تىپىدىكى ياسىمىچىلىق ئۈلگە كارخانىلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى، شىركەتنىڭ يۈرۈشتۈرۈش - ئاسراش كوللېكتىپى يەر شارىدىكى نەچچە ئونمىڭ گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى، نەچچە يۈز شامال ئېلېكتىرى مەيدانىنى مۇلازىمەت ۋە تېخنىكا مەدىتى بىلەن تەمىنلىدى.

«بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى شىنجاڭ ياسىمىچىلىقىنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تىپىنى ئۆزگەرتىشىنى يېڭى بوشلۇق بىلەن تەمىنلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى جابدۇق سانائىتى باشقارمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: شىنجاڭ ياسىمىچىلىقىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېڭى ئېنېرگىيە جابدۇقى، توك يەتكۈزۈش، بېسىم ئۆزگەرتىش جابدۇقى قاتارلىق كەسىپلەر كۆلىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولدى. بەزى كەسىپلەر ئالدىنقى قاتار ئەۋزەللىكىنى قولغا كەلتۈرۈپ، «جۇڭگونى جابدۇق بىلەن تەمىنلەش»تىن «دۇنيانى جابدۇق بىلەن تەمىنلەش»كە ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى