تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

پوسكام ناھىيەسى: گۆش كەپتىرى باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى كەنت ئاھالىلىرىگە بەخت يولى ئېچىپ بەردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارى مۇخبىر تاجىگۈل، ما جى): يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى پوسكام ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى يېزا-بازارلار ئۆزگىچە باقمىچىلىقنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھەممە ئائىلىدە كىرىمنى ئاشۇرۇش تۈرى بولۇش، ھەممە كىشىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولى بولۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇردى. سەيلى يېزىسى خاڭدى كەنتى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا زور كۈچ سەرپ قىلىپ، شياڭنيەن گۆش كەپتىرى باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، «كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى» تىجارەت ئەندىزىسى ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش يولىنى كېڭەيتتى.

  يېقىندا، مۇخبىرلار سەيلى يېزىسى خاڭدى كەنتى شياڭنيەن گۆش كەپتىرى باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا، ئىشچىلارنىڭ بىر-بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن كەپتەر قەپەزلىرىدىكى كەپتەرلەرگە دان، سۇ بېرىش بىلەن ئالدىراش ئىكەنلىكىنى كۆردى. ئارزۇگۈل ئوسمان خاڭدى كەنتىنىڭ ئاھالىسى بولۇپ، ئىلگىرى پارچە-پۇرات ئىشلارنى قىلىپ تۇرمۇشىنى قامدايتتى، ئىقتىسادىي كىرىمىمۇ تۆۋەن ئىدى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ ياردىمىدە، ئۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا بېرىپ ئىشلەپ، مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولدى.

  كەنت ئاھالە كومىتېتى ۋە باقمىچىلار شياڭنيەن ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىلەن باقمىچىلىقنى قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش كېلىشىمى ئىمزالىدى، قىيىنچىلىقى بار ئامما باققان كەپتەر تۇخۇمىدىن كەپتەر چىقىرىلغاندىن كېيىن، ھەمكارلىق كوپىراتىپى بازار باھاسى بويىچە بىر تۇتاش سېتىۋالدى. ئىگىلىنىشىچە، شياڭنيەن گۆش كەپتىرى باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئەسلىدىكى 1700 كىۋادرات مېتىرلىق ئۆلچەملىك كەپتەرخانا ئاساسىدا، 1600 كىۋادرات مېتىرلىق زامانىۋى كەپتەرخانا، يېتىشتۈرۈش ئۆيى، يەم-خەشەك ئۆيىنى كېڭەيتىپ قۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، سېتىش يۈرۈشلەشكەن باقمىچىلىق تىجارەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، يەنە كەنتتىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلغان.

  سەيلى يېزىسى خاڭدى كەنتى شياڭنيەن گۆش كەپتىرى باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى شۇ دېخەي مۇنداق دېدى: «ھازىر 2-قارارلىق قۇرۇلۇش ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىنىپ، ئەسلىدىكى ئاساستا 20 مىڭ كەپتەر كۆپەيتىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە تارقىتىپ بېرىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، 30 ئىش ئورنى كۆپەيتىلدى».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى