تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئىشەنچنى كۈچەيتىپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەيلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كارخانىچىلار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، نۆۋەتتە دۆلىتىمىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىدا مۇقىم ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ھەممىسىدە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا ماڭدى. بىزگە ئوخشاش 1 مىليارد 400 مىليون نوپۇسى بار مۇشۇنداق چوڭ دۆلەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇنداق نەتىجە - ئۈنۈم تەستە قولغا كەلگەن.

7 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا كارخانىچىلار سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. باش شۇجى دۆلەت ئىچى، خەلقئارا ۋەزىيەتنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ دۆلەت تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇۋاتقانلىقىغا يۈكسەك باھا بەردى، ئىشەنچىمىزنى كۈچەيتىپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، تىرىشىپ يۇقۇم كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننى تولۇقلاپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

قانچە خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلار بولغانسېرى، سۈپەتنى، ئاساسنى شۇنچە سىنىغىلى، چوڭقۇر قاتلاملىق ئەۋزەللىكنى، تەرەققىيات زاپاس كۈچىنى شۇنچە گەۋدىلەندۈرگىلى بولىدۇ. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ زەربىسىدە، دۆلىتىمىز ئىقتىسادى 1 - پەسىلدە زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى، 2 - پەسىلدە مۇقىم بولۇپ قايتا ئاشتى، مەنپىيدىن مۇسبەتكە ئايلىنىپ، %3.2 ئاشتى، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %1.6 تۆۋەنلىدى، ئومۇمىي ئەھۋال مۆلچەردىكىدىن ياخشى بولدى. كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى مەنپىيدىن مۇسبەتكە ئايلاندى، جەمئىيەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى زور دەرىجىدە تارايدى... يۈزلىنىشتىن قارىغاندا، 2 - پەسىلدىكى تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ھەممىسىدە مارگىنال ياخشىلىنىش كۆرۈلۈپ، كېيىنكى يېرىم يىلدا ئىقتىسادنىڭ سىجىل ئەسلىگە كېلىشىگە پۇختا ئاساس سېلىنغان. خەلقئارا زاتلار مۇنداق ماختىدى: «جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى يېتەكلەپ، يەرشارىۋى ئىقتىسادقا ئىشەنچ ۋە ئۈمىد ئېلىپ كەلدى.» ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش، ئۇزاق مۇددەت ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشتەك ئاساسىي تەرىپىدە ئۆزگىرىش بولمىدى، يوشۇرۇن كۈچى يېتەرلىك، ئېلاستىكلىقى كۈچلۈك، ئايلىنىش بوشلۇقى چوڭ، سىياسەت قورالى كۆپ بولۇشتەك ئاساسىي ئالاھىدىلىكى ئۆزگەرمىدى.

ھازىر، يەرشارىۋى يۇقۇم ۋە دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ، دۆلىتىمىز تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن خىرىس مىسلىسىز، دۆلىتىمىزدىكى نۇرغۇن بازار سۇبيېكتلىرى دۇچ كەلگەن بېسىم مىسلىسىز بولۇۋاتىدۇ. ئاچقۇچلۇقى ۋەزىيەتنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىنى ئىگىلەش، ھازىرقى قىيىنچىلىق، خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا ئەتراپلىق، دىيالېكتىكىلىق، يىراقنى كۆرىدىغان نەزەر بىلەن مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ، بولۇپمۇ تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ئىشەنچىنى كۈچەيتىش، زېھىننى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىش كېرەك. كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، بىزنىڭ ئىشەنچىمىز دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازار ئەۋزەللىكىدىن كېلىدۇ، دۆلىتىمىز يەر شارى بويىچە ئەڭ مۇكەممەل، كۆلىمى ئەڭ زور سانائەت سىستېمىسىغا، قۇدرەتلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا، مۇكەممەل يۈرۈشلەشتۈرۈش ئىقتىدارىغا، سانى غايەت زور ئىختىساسلىقلار قوشۇنىغا ئىگە، بۇ، بىزنىڭ بوران - چاپقۇندا مەزمۇت پۇت دەسسەپ تۇرۇشىمىزدىكى ئاساس؛ جۇشقۇن تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىدىن كېلىدۇ، رەقەملىك ئىقتىساد، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق، ھاياتلىق ساغلاملىقى قاتارلىق يېڭى كەسىپلەردە يېڭى ئېشىش قۇتۇپى شەكىللەندى، بۇ، ھەم ئىقتىسادنىڭ قايتا ئۆرلىشىنى داۋاملىق كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەيدۇ، ھەم دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ؛ يېتەرلىك سىياسەت قورالىدىن كېلىدۇ، مالىيە سىياسىتى تېخىمۇ ئاكتىپ، ئۈنۈملۈك بولىدۇ، پۇل سىياسىتى تېخىمۇ پۇختا - جانلىق بولىدۇ، ماكرولۇق سىياسەت تېخىمۇ قاراتمىلىققا ۋە ۋاقىتچانلىققا ئىگە بولىدۇ، قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپ كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈشتە يولغا قويۇلغان بىر قاتار سىياسەتلەر تېخىمۇ ياخشى ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىدۇ، كېيىنكى يېرىم يىلدا ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئاساسەن، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش»نىڭ ئىشقا ئېشىش ئەھۋالى ۋە «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىغا ئاساسەن مۇۋاپىق تەڭشىلىدۇ، بۇ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ۋەزىيىتىنى ساقلىشىنى سىياسەت تىرىكى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش بىزدىن كىرىزىس ئىچىدە يېڭى پۇرسەت يېتىلدۈرۈش، ئۆزگىرىش ئىچىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا ماھىر بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ: ھازىرقى قورۇقچىلىق كۈچىيىۋاتقان، دۇنيا ئىقتىسادى پەسكويغا چۈشۈپ قالغان، پۈتۈن يەرشارىۋى بازار تارىيىۋاتقان تاشقى مۇھىتتا، بىز جەزمەن دۆلەت ئىچىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازار ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت ئىچى ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈش، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇش ئارقىلىق دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، بىز ئىچكى ئېھتىياجنى قاندۇرۇشنى تەرەققىياتنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، مۇكەممەل ئىچكى ئېھتىياج سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەم باشقا جەھەتلەردە يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ كۆپ يېڭى ئېشىش نۇقتىسى شەكىللەندۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش، تەقسىملەش، ئوبوروت، ئىستېمالنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىنى كۈچەپ راۋانلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى - خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈپ، كەلگۈسى تەرەققىياتنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىشىمىز كېرەك.

ھەممە بىر نىيەتتە غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، قانچە خەتەرلىك بولغانسېرى شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك. كېلەر يىلىدىن باشلاپ، دۆلىتىمىز «14 - بەش يىل» مەزگىلىگە كىرىدۇ، بۇ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلايدىغان 1 - بەش يىل. دۆلىتىمىز ئىقتىسادى تەرەققىيات مۇساپىسىدە، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلغان، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز زورايغان. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىشكە جۈرئەت قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى