تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى ياخشى يۈگۈرۈش

شۈ چىڭگۇاڭ

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا، ئەزەلدىن بىر ئاددىي - ساپ ئارزۇ، «ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش»كە ئوخشاش مىڭ يىلنى بېسىپ ئۆتسىمۇ ئۆزگەرمەي تۇرالىغان ئەمەس. ماددىي تۇرمۇش تېخىمۇ باياشات، مەنىۋى دۇنيا تېخىمۇ مول، جەمئىيەت مۇھىتى تېخىمۇ ئىناق بولدى... ئاجايىپ مۇساپە، مىسلىسىز زور ئۆزگىرىش، بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە نىسبەتەن ئېيتقاندا، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا بولغان ئارىلىق ناھايىتى يېقىنلاشتى. ئەمما ئەڭ ئاخىرقى پەيتكە كەلگەنسېرى، نىشاننى شۇنچە چىڭ كۆزلەپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى ياخشى يۈگۈرۈش كېرەك.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ تۆۋەن چەك ۋەزىپىسى. يېزىلاردىكى نامرات نوپۇسنىڭ خەتەرلىك ئۆيدە تۇرۇش تارىخىنى ئۈزۈل - كېسىل ئاخىرلاشتۇرۇش، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاش... دەل مۇشۇنداق نامراتلىق قورغىنىنى بىر - بىرلەپ ھۇجۇم قىلىپ ئېلىش مۇساپىسىدە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش مۇستەھكەم ئۇللۇق تىرەككە ئېرىشتى. مىكرو جەھەتتىن قارىغاندا، بارغانسېرى كۆپ نامرات ئامما ئىككى قولى ۋە تەرىگە تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىغا ماڭدى، ھەربىر ئائىلە گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ھاللىق سەۋىيەگە قاراپ ئاتلاندى... دەل ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئارزۇسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتىكى مۇشۇنداق تىرىشچانلىقى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشقا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بېغىشلىدى.

ئەمەلىي ئىشلەش ئەڭ ئاددىي مېتودولوگىيە، جاپالىق ئىشلەش مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئەڭ ئاددىي سىرى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ جەڭ نەتىجىسى، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنىڭ نەتىجىسى، يېزا - كەنتلەرنى تۈزەشنىڭ مول نەتىجىسى... تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى تەستە قولغا كەلگەن نەتىجىلەرنىڭ ئۆزى «ئەمەلىي ئىشلىگەندىلا ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ» دېگەن سۆزنىڭ جانلىق ئىزاھاتى، «تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە قوشۇننى قەتئىي قايتۇرماسلىق» دېگەن سۆزنىڭ كۈچلۈك ئىزاھاتى. پەقەت ئۇيۇل تاشتەك چىڭ ئىشەنچ، پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان غەيرەت، قەتئىي بوشاشمايدىغان ئىرادە بىلەن قاتتىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشكە جۈرئەت قىلىپ، «ئاچقۇچلۇق مۇساپە»نى پۇختا باسقاندىلا، بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ «پۇقرالار بەك جاپا - مۇشەققەت چەكتى، خاتىرجەملىككە ئېرىشىدىغان چاغ كەلدى» دېگەن ئىستىكىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرالايمىز.

(«سۆز ھەممىگە» ئىستونىغا ماقالە ئەۋەتىش خەت ساندۇقى: xjrbplb@126.com)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى