تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

بۇغدايدىن ھوسۇل ئېلىنىپ تۇغقانلارنىڭ چىرايىدا تەبەسسۇم جىلۋىلەندى

كۆپكۆك ئاسمان ئاستىدا، توق بۇغداي باشاقلىرى شامالدا يەلپۈنۈپ تۇراتتى. يازلىق يېغىم، يازلىق تېرىم، يازلىق پەرۋىش بىلەن ئالدىراش بولىدىغان مەزگىلدە، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاقتۇ ناھىيەسى ئۈژمە يېزىسى قۇرباغ كەنتىدىكى قوشماقلاشقان تۇغقان مۇكەرەم ياسىن ئاچا بىر چەينەك چاينى كۆتۈرۈپ مۇنداق دېدى: «جاۋ جۈن ئۇكام، سىز بىردەم ئارام ئېلىۋېلىڭ، كېلىپ چاي ئىچىڭ!»

ھازىر دەل بۇغدايدىن ھوسۇل ئالىدىغان پەسىل، مۇكەرەمنىڭ قىزى بىلەن ئوغلى سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلىدۇ، ئۆيىدە يەتتە مودىن ئارتۇق يەرگە بۇغداي تېرىغان بولۇپ، ئۈژمە يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان كادىرى جاۋ جۈن ئەتىگەندىلا مۇكەرەمنىڭ ئۆيىگە كېلىپ بۇغداي ئورۇشقا ياردەملەشتى.

«ئېتىزدىكى ئىشلار بەك كۆپ بولغاچقا، بىز قانداق قىلىشنى بىلمىدۇق، ئىنىم كەلگىنىڭىز بەك ياخشى بولدى، سىزگە كۆپ رەھمەت» دېدى مۇكەرەم.

كومبايىن مەشغۇلاتى قولايلىق بولۇش ئۈچۈن، جاۋ جۈن بۇغدايلىقتىن بىر يول ئاچتى، بىر سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئېتىزدىكى بۇغداي يىغىلىپ بولۇندى. يىغىۋېلىنغان بۇغدايغا قاراپ مۇكەرەمنىڭ چىرايىدا تەبەسسۇم جىلۋىلەندى.

«2017-يىلى مەن ئەمىن ئۆيىگە كۆچۈپ كىردىم؛ بۇلتۇر، قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان كادىرلار، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بىزنىڭ ئۆيگە يەنە «نامراتلارنى يۆلەش كالىسى» تارقىتىپ بەردى. ھازىر ئائىلىمىزدە سەككىز قوي، 20 كەپتەر، يەنە 30 توخۇ باقتۇق. بالىلارنىڭ ھەر ئايدا مائاشى بار، بۇ يىل كۈزدە مەن يەنە پاختا تېرىپ پۇل تاپىمەن، ئۆز تىرىشچانلىقىم ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىمەن» دېدى مۇكەرەم. (خەۋەرنى ئاقتۇ ناھىيەلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش ئىشخانىسىدىن ياڭ شۆخۇي تەمىنلىگەن)

«شىنجاڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ئۈندىدار سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى