تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئاقسۇ نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسى ئېچىلدى

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ليۇ مېڭمېڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز لۈ نا خەۋەر قىلىدۇ): 6-ئاينىڭ 25-كۈنى، نان مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسى، ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، سېتىش بىر گەۋدە قىلىنغان ئاقسۇ نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسى رەسمىي ئېچىلدى، ساياھەتچىلەر ھەقسىز ئېكسكۇرسىيە قىلسا بولىدۇ.

ئەسلىدىكى ئاقسۇ مەدەنىيەت-ساياھەت كەچلىك بازىرىدىكى نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسىغا كىرگەندە، دىيامېتىرى ئۈچ مېتىردىن ئاشىدىغان نان مودېلى ساياھەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ، بۇ نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسىنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشى بولۇپ، ساياھەتچىلەرنى بەس-بەستە كېلىپ سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرۇشقا جەلپ قىلىدۇ.

ئاقسۇ نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسىنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى تەخمىنەن 33 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، ئاقسۇ شەھىرى نۇقتىلىق بەرپا قىلغان نان باش تېمىسىدىكى نان ئىشلەپچىقىرىش-پىششىقلاش رايونى، نان مەدەنىيىتى كۆرگەزمە زالى، تاۋار سېتىش رايونى، ئېلېكتىرونلۇق سودا رايونى، نان مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىش رايونىدىن ئىبارەت بەش بۆلەكتىن تەركىب تاپقان چوڭ تىپتىكى نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسى ۋە سېتىش ئورنى.

نۆۋەتتە، نان ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا 600 ناۋاي بولۇپ، ھەر كۈنى 500 مىڭ دانە نان ئىشلەپچىقىرىدۇ، نان تۈرى 70 خىلدىن ئاشىدۇ. پىياز نان، كۈنجۈت نان، گازىر نان، لازا نان، گۈلقەنت نان... ھەر بىر خىل ناننىڭ تەمى مېھمانلارنىڭ ئېغىزىدىلا قالىدۇ.

«بىز ئاقسۇ شەھىرىدىكى كىچىك ناۋايخانىلارنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، ناۋايچىلىقنىڭ ئۆي شەكلىدىكى يەككە تىجارەتتىن مەركەزلىك ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتكە ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «كارخانا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى»دىن ئىبارەت تىجارەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، بىرتۇتاش خام ئەشيا بىلەن تەمىنلەپ، ئىشلەپچىقىرىشنى بىرتۇتاش تەشكىللەپ، ماركېتىڭنى بىرتۇتاش باشقۇرۇپ، بارا-بارا مۇۋاپىق ئىش تەقسىملەش، ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىنى قاپلاش، <توردا + تور سىرتىدا>، <زاكاز + پارچە سېتىش>تىن ئىبارەت ماركېتىڭ ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردۇق.» ئاقسۇ نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسى ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ ئېيتىشىچە، نانچىلىق كەسىپلەر 4000دىن ئارتۇق بىۋاسىتە ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، 500دىن ئارتۇق قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ھەل قىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى