بايىنغولىن گېزىتى خەۋىرى: يېقىندا، دۆلەت ئېلېكتىر تورى بايىنغولىن ئوبلاستلىق توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ رېمونتچىلىرى چەرچەن ناھىيەسىنىڭ قوراملىق يېزىسى باش كېچىك كەنتىدە يورۇقلۇق ۋولت توك تارقىتىش ئەسلىھەلىرىنى رېمونت قىلىپ ئاسرىدى. شۇ كۈنى بۇ يېزىدىكى 100دىن ئارتۇق ئائىلىلىك چارۋىچىنىڭ ئۆگزىسىگە ئورنىتىلغان يورۇقلۇق ۋولت توك تارقىتىش ئەسلىھەلىرى تۇنجى قېتىم رېمونت قىلىندى.
چەرچەن ناھىيەسىنىڭ قوراملىق يېزىسى چەت-ياقىغا جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن بىر قەدەر ئېگىز، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى ئۇزۇن، ئولترا بىنەپشە نۇر كۈچلۈك بولغاچقا، يورۇقلۇق ۋولت توك تارقىتىش تۈرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ماس كېلىدۇ. 2017-يىلدىن باشلاپ، بۇ يېزا ئائىلىلەرگە ئىشلىتىلىدىغان تەقسىملەنمە يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسى كەسىپ تۈرىنى كىرگۈزدى، ھازىرغىچە 100دىن ئارتۇق چارۋىچى تەقسىملەنمە يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئورناتتى.(مۇخبىر چۆ.خۇرە فوتوسى)