6-ئايدا، شىنجاڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدا پىژغىرىم ئىسسىق بولدى، يېزا-قىشلاقلاردىكى ئېتىزلىقتا ئالتۇن رەڭلىك بۇغدايلار مەيىن شامالدا دولقۇنلاپ، خۇش ھىدى ئەتراپقا تارالدى، كومبايىنلار ئالتۇن رەڭلىك بۇغدايلىقتا ئۇياق-بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، دانە-دانە توق دان تۇتقان بۇغدايلار باشاقلاردىن ئېتىلىپ چىقتى، ھەممە يەردە ئالدىراش قايناق مول ھوسۇل مەنزىرىسى نامايان بولدى.
2020-يىلى، قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمى 385 مىڭ مو بولۇپ، ئۇرۇق تاللاش، يەر ئاغدۇرۇش، تېرىشتىن تارتىپ سۇغىرىشقىچە دېھقانچىلىق تېخنىكلىرىنىڭ يېتەكچىلىكى بولۇپ، ئىلمىي پەرۋىش ئاستىدا، بۇغدايلار ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئوبدان ئاينىپ، دېھقانلارنىڭ ھوسۇلى ۋە كىرىمى ئاشتى.
شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى