بايىنغولىن گېزىتى خەۋىرى: 6-ئاينىڭ 21-كۈنى، بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە خوشۇت ناھىيەسى نەرىنكېر يېزىسى بورت كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى قىسمەن پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاممىنى يىغىپ، ماشىنا ئارقىلىق ئاددىي توسما ياسىدى. يېقىندا، بورت كەنتىنىڭ تاغلىق رايونىدا ھۆل-يېغىن ئاز كۆرۈلگەنلىكتىن، ئاساسلىق دەريالاردىكى سۇ مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئازىيىپ كەتتى. چارۋىچىلارنىڭ يەم-خەشەك تېرىلغان ئېتىزلىرىنى سۇغىرىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ئاددىي توسمىدىن بىرنى ياساشنى قارار قىلدى. توسما ياسالغاندىن كېيىن، سۇ ئورنى ئۆرلەپ، ئاساسلىق دەريالارنىڭ سۇ مىقدارى كۆرۈنەرلىك كۆتۈرۈلدى.(ئىختىيارىي مۇخبىر ۋۇ لەن خەۋىرى، لى لۇلۇ فوتوسى)
سۇ توسمىسى ياسىلىپ، چارۋىچىلارنىڭ سۇغىرىش ئەندىشىسى ھەل قىلىندى
مۇھەررىر :
پاتىمە يۈسۈپ
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2020/06/29 18:48
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.