تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

«بەخت كەپتىرى» ئۇچۇپ كەلدى

    تىيانشان تورى خەۋىرى: شىنجاڭ لوپ ناھىيەسى دول يېزىسى خالۋاپ كەنتىگە كەلگىنىڭىزدە، پاكىز كوچا، گۈزەل كەنت كۆزگە چېلىقتى. ئۇياقتىن-بۇياققا ئۇچۇپ يۈرگەن كەپتەرلەر قۇياش نۇرى ئاستىدىكى خالۋاپ كەنتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتتى.

  خەلققە ياردەم بېرىش كەپتەر باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ باشلىقى تۇرسۇننىياز مۇسا چىرايىدا كۈلكە جىلۋىلەنگەن ھالدا كەپتەر بېقىش ئۆيى ئالدىدا بىزنى كۈتۈۋالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ كەپتەرخانىدا ھازىر 2000 جۈپ گۆش كەپتىرى بار، تۆتىنچى ئايدا بىز 1100 كەپتەر ساتتۇق. بۇلتۇر كوپىراتىمىزدىكى ئەزالارنىڭ ھەر بىرىگە 450 يۈەن پايدا تەقسىم قىلىندى، كەپتەر بىزنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزدى، بىزنى بەخت تۇيغۇسىغا چۆمدۈردى»

  كىچىكىدىنلا كەپتەر بېقىشنى ياخشى كۆرىدىغان تۇرسۇننىياز مۇسا 2009-يىلى كەپتەر بېقىش زاۋۇتى قۇرۇپ، 300 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ مىڭ جۈپ كەپتەر باقتى، ئەمما ئويلىمىغان يەردىن پۇل تېپىش تۈگۈل، ئەكسىچە بارلىق دەسمايىسىدىن ئايرىلدى. ئۇ ئۈمىدسىزلەنگىنىدىن ئەمدى كەپتەر بېقىشنى ئويلىمايدىغان بولدى.

  2017-يىلى، خالۋاپ كەنتىگە كەلگەن شىنجاڭ مالىيە نازارىتىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى زىيارەت جەريانىدا، تۇرسۇننىياز مۇسانىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنى قايتىدىن كەپتەر بېقىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا ئىلھاملاندۇرغان. خىزمەت ئەترىتى پائال ماسلاشتۇرۇپ، كەنتتىكى 69 نامرات ئائىلىنى كەپتەر بېقىش ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كىرگۈزگەن، ھەربىر ئادەم بەلگىلىك مەبلەغ سالغان. «ئەينى چاغدا بېسىم ناھايىتى ئېغىر ئىدى. ئالدىنقى قېتىم مەغلۇب بولۇپ، دەسمايەمنىمۇ قايتۇرۇپ كېلەلمىدىم، ھازىر شۇنچە كۆپ نامرات ئائىلىلەر مەبلەغ سالغان تۇرسا، ئالدىنقى قېتىمقىدەك بولۇپ قالسا، كۆپچىلىككە جاۋاب بېرەلمەي قېلىشىمدىن ئەنسىرىدىم» دېدى تۇرسۇننىياز مۇسا.

  تۇرسۇننىياز مۇسانىڭ غېمىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، خىزمەت ئەترىتى تېخنىكلارنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇنىڭغا كەپتەر بېقىش تېخنىكىسىنى قولمۇقول ئۆگەتتى.

  لوپ ناھىيە دول يېزا خەلققە ياردەم بېرىش كەپتەر باقمىچىلىقى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ باشلىقى تۇرسۇننىياز مۇسا(سولدا) كوپىراتىپ ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە كەپتەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە. 

   تۇرسۇننىياز مەخمۇت 53 ياشقا كىرگەن بولۇپ، يېرى ئاز، ئۇنىڭ ئۈستىگە قولىدا ھۈنەر بولمىغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئائىلىسى 2015-يىلى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن، ئائىلىسىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى ئاران 2800 يۈەن بولغاچقا، كۈنلىرى ناھايىتى تەستە ئۆتەتتى. 2017-يىلى خىزمەت ئەترىتىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، ئۇ دۆلەتنىڭ 3000 يۈەن نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ، خەلققە ياردەم بېرىش كەپتەر باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قاتناشقاندىن كېيىن، تۇرمۇشىدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى. «بۇلتۇر كەپتەر بېقىش تۈرىدىلا 7000 يۈەندىن ئارتۇق پايدىغا ئېرىشتىم، باشقا كىرىملەرنى قوشقاندا كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمىم 7500 يۈەندىن ئېشىپ، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى بەختلىك بولدى. بۇنىڭ ھەممىسى پۈتۈنلەي پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە، ھۆكۈمەتنىڭ ياردەم بېرىش ياخشى چارىلىرىگە تايانغانلىقتىن بولدى» دېدى تۇرسۇننىياز مەخمۇت كۈلۈپ تۇرۇپ.

  2018-يىلى تۇرسۇننىياز مۇسا كەپتەر بېقىش بىرلەشمە گەۋدىسىگە قاتنىشىپ پايچىك بولدى. ھازىر بىرلەشمە گەۋدە تەرەققىي قىلىپ ئۈچكە يەتتى، ھەربىر بىرلەشمە گەۋدىدە 20 نامرات ئائىلە بار بولۇپ، خالۋاپ كەنتى ۋە ئەتراپتىكى كەنتلەردىكى 60 نامرات ئائىلىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى قىيىن بولۇش مەسىلىسى ھەل بولدى، ھەر ئايدا 500گە يېقىن كەپتەر بازاردا سېتىلدى.

  كەپتەرلەر ئۇياق–بۇياققا ئۇچۇپ ئۆتەتتى، كەنت كوچىلىرىنىڭ يېنىدىكى بىر-بىرىدىن چىرايلىق يوغان قەپەسلەر كەپتەرلەرنىڭ ئەڭ ياخشى ئۆيىگە ئايلانغانىدى. بۇ «ئۆي»لەردە ئەمدىلا تۇخۇمدىن چىققان باچكىلار تۇرسۇننىياز مۇسا ۋە كوپىراتىپ ئەزالىرىغا بېيىش ئۈمىدى بېغىشلاپلا قالماي، تۇرمۇشىغا تېخىمۇ زور بەخت ئۈمىدى ئېلىپ كەلگەنىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى