5-ئاينىڭ 20-كۈنى، شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسى ئارال يېزىسى غادراڭ كەنتىدە، كەنت ئاھالىسى قىزىلگۈل بەرگىسىنى رەتلىمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سادات فوتوسى
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، شىنجاڭ كېرىيە ناھىيەسىدە يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان قىزىلگۈل جىلۋىسى بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى. كېرىيە ناھىيەسى شىنجاڭ تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە توغرا كېلىدىغان بولۇپ، سۇ، تۇپراق، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق شارائىتى قۇملۇق قىزىلگۈلىنى ئۆستۈرۈشكە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ. ھەر يىلى 5-ئاي قۇملۇق قىزىلگۈلىنىڭ ئېچىلىدىغان پەسلى، گۈلچى دېھقانلار يېڭى غۇنچە ۋە گۈل بەرگىنى ئۈزۈپ، يېمەكلىك ۋە قىزىلگۈل مېيى ياساشقا ئىشلىتىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ جاي قىزىلگۈل كەسپىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، قىزىلگۈل مۇرابباسى، قىزىلگۈل چېيى، ساپ شىرنە قاتارلىق بىر قاتار ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارنى ياساپ چىقتى.
5-ئاينىڭ 20-كۈنى، شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسى ئارال يېزىسى غادراڭ كەنتىدە، كەنت ئاھالىسى قىزىلگۈل ئۈزمەكتە.
5-ئاينىڭ 20-كۈنى، شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسى ئارال يېزىسى غادراڭ كەنتىدە، ئارتىسلار قىزىلگۈل جىلۋىسى بايرىمىدا نومۇر ئورۇندىماقتا.
5-ئاينىڭ 20-كۈنى، شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسى ئارال يېزىسى غادراڭ كەنتىدە، كەنت ئاھالىسى قىزىلگۈل ئۈزمەكتە.