تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

«جۇڭگو جىغان ماكانى»: چۆللۈكتە تېرىلغان «ئالتۇن دانچە»

  جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى(جى جياڭتۇڭ، گۇ جىپېڭ): تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي شىمال چېتىگە جايلاشقان شىنجاڭ ئاقسۇ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى چۆللۈك پۈتۈن ناھىيە كۆلىمىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، بۇ يەرگە نۇرغۇنلىغان ياۋا جىغان تارقالغان بولۇپ، «جۇڭگو جىغان ماكانى» دەپ ئاتالغان.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى سوغۇققا، قۇرغاقچىلىققا، شورغا چىداملىق چوڭ مېۋىلىك جىغاننى كۆلەملەشتۈرۈپ تېرىپ، جىغان كەسپىنى زورايتتى. جىغان مېۋىسى تەركىبىدىكى ۋىتامىن Cنىڭ مىقدارى يېڭى چىلان ۋە مايمۇن شاپتۇلىدىن خېلىلا يۇقىرى بولغاچقا، «ۋىتامىن C شاھى» دەپ ئاتىلىپ، ئۇزۇندىن بۇيان يەرلىك ئامما تەرىپىدىن ساغلاملىق يېمەكلىكى قىلىپ ياسىلىپ كەلگەنىدى.

  بۇلتۇردىن باشلاپ، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى يېڭىئاۋات يېزىسى نەچچە ئون كىلومېتىر كېلىدىغان چۆللۈكتە سۈنئىي ئۇسۇلدا چوڭ مېۋىلىك جىغان دەرىخى تىكتى، ياپيېشىل جىغان يوپۇرمىقى چۆللۈكتە ھاياتىي كۈچكە تولدى. ھازىرغا قەدەر، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە جىغان ئۆستۈرۈش كۆلىمى 100 مىڭ مودىن ئېشىپ، يىلىغا 80 توننىدىن ئارتۇق جىغان ئىشلەپچىقىرىلدى. جىغان مېۋە شەربىتى، جىغان مېيى، جىغان چېيى قاتارلىق كېڭەيتىلمە مەھسۇلاتلار ئىستېمالچىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  «بىز ئۆستۈرگەن چوڭ جىغاننىڭ مېۋىسى چوڭ، مەھسۇلات مىقدارى يۇقىرى، ئۆسۈشى تېز، ئۈزۈشكە ئاسان بولۇپ، بۇ يەنە ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىپلا قالماي، ئەتراپتىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. بىز سۇ بايلىقىنى تېجەش ئۈچۈن، جىغان تېرىشتا تېمىتىپ سۇغىرىشنى ئاساس قىلىپ، كەلكۈن مەزگىلى ۋە يامغۇر پەسلىدە سۇ ئازگىلىدا سۇ ساقلاپ سۇغاردۇق» دېدى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ۋاڭ گولياڭ مۇخبىرلارغا.

  جۇڭگونىڭ غەربىي شىمال رايونىدا جىغان تېرىقچىلىقى گۈللەنمەكتە، ئۇنىڭ چاتقىلى قويۇق، يىلتىز سىستېمىسى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، بۇنداق ئۆستۈرۈش غەربىي شىمالدىكى قۇرغاق رايونلاردا بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش، يەر يۈزىدىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش ۋە ئاسراشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى