4-ئاينىڭ 1-كۈنى، نەنچاڭ شەھىرى خۇڭگۇتەن يېڭى رايونىدا، شەھەر ئاھالىلىرى گەنجياڭ دەرياسى بويىدا سەيلە قىلماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 4-ئاينىڭ 1-كۈنى، جياڭشى ئۆلكىسى تاشقىن مەزگىلىگە رەسمىي قەدەم قويدى. جياڭشى ئۆلكىلىك كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەھلىل قىلىشىچە، بۇ يىل جياڭشى ئۆلكىسىدە ھۆل-يېغىن بىر قەدەر كۆپ بولىدىكەن، كونۋېكسىيەلىك ھاۋا رايى ئادەتتىكى يىللاردىكىدىن كۆپ بولىدىكەن. ھازىر، جياڭشىدىكى ھەر قايسى جايلار كەلكۈن بۇزۇۋەتكەن قۇرۇلۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، يوشۇرۇن خەۋپنى تەكشۈرۈپ، سۇ ئامبىرىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بۇ يىلقى كەلكۈن مەزگىلىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. ۋەن شياڭ فوتوسى