2020-يىللىق WNBAغا ماھىر تاللاش شۇ يەر ۋاقتى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى ئېلىپ بېرىلىدۇ. WNBA ماھىر تاللاش تورىدىكى قايسى ماھىرنىڭ ئالدىن تاللىنىشى ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى ئالدىن مۆلچەردە، جۇڭگولۇق ئايال ۋاسكېتبولچى چېن مېڭلىڭ ۋە لى يۈەننىڭ ئىككىلىسى تىزىملىككە كىردى.
ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، WNBAنىڭ 2020-يىللىق ماھىر تاللاش يىغىنى ئەسلى پىلان بويىچە 4-ئاينىڭ 17-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىكەن. بىراق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئامېرىكىدا يامرىشى سەۋەبلىك، WNBAنىڭ ماھىر تاللىشى قۇرۇق مەيدان ھالىتىدە ئېلىپ بېرىلىدىكەن. شۇ كۈنى، ۋاسكېتبولچىلار، تاراتقۇلار ۋە مەستانىلەر نەق مەيدانغا كېلىپ، ماھىر تاللاش جەريانىنى كۆرمەيدىكەن.
تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، WNBA ماھىر تاللاش تورىدىكى نەتىجە مۆلچەرىگە جۇڭگولۇق ئىككى ۋاسكېتبول ماھىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاللانغان.
ئىچكى سەپ ماھىرى چېن مىڭلىڭ 27-بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتلانتا ئارزۇ كوماندىسىغا تاللىنىشى مۆلچەرلەنگەن؛ ئارقا بېك ماھىرى لى يۈەن 34-بولۇپ، ئۇنىڭ لوس ئانژېلېس ئۇچقۇن كوماندىسىغا تاللىنىشى مۆلچەرلەنگەن.
جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىدىكى ياش ماھىرلار ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، چېن مىڭلىڭ بىلەن لى يۈەننىڭ ئىككىلىسى 2000-يىللاردا تۇغۇلغان ماھىرلار. ئەگەر ئۇلار WNBAغا تاللىنالىسا، تارىخ يارىتىپ، تۇنجى تۈركۈمدە WNBAغا تاللانغان 2000-يىللاردا تۇغۇلغان جۇڭگولۇق ماھىر بولۇپ قالىدۇ.
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى