جۇڭگو بانكىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك شۆبە بانكىسىنىڭ مۇئامىلىدارلار دىرېكتورى نەنخۇ شىمالىي يولى شەرقىي مەھەللىسى تەۋەلىكىدىكى يەككە سودا-سانائەتچىلەرگە ئاز سوممىلىق قەرز پۇل كەسپىنى بېجىرىپ بەرمەكتە.
شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ شۈەن خەۋىرى، فوتوسى): جۇڭگو بانكىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك شۆبە بانكىسى يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنى تېزلىتىشىنى پائال قوللاپ، يۇقۇم كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننىڭ ئورنىنى تولۇقلاپ، يۇقۇم دەخلى قىلغان ۋاقىتنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن، يەككە سودا-سانائەتچىلەرگە قارىتا مەخسۇس ئاز سوممىلىق قەرز پۇل مەھسۇلاتلىرىنى بازارغا سالدى. بۇ مەھسۇلات مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخى تۆۋەن بولۇش، رەسمىيەت بېجىرىش قولايلىق بولۇش، تەستىقلاش تېز بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە، يەككە سودا-سانائەتچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، قەرز پۇل سوممىسى 80 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ (80 مىڭ يۈەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، مۇددىتى ئالتە ئايدىن ئاشمايدۇ (ئالتە ئاينىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، يەنە ھۆكۈمەتنىڭ %50 لىك ياردەم ئۆسۈم سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ.