تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر رېن خوڭفاڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر جېڭ دوڭگې خەۋىرى): مۇخبىرنىڭ 3- ئاينىڭ 17- كۈنى شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاقسۇ شەھەرلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل مەزكۇر شەھەرنىڭ مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى جەمئىيەت ئىشلىرى تۈرىدىكى 13 مائارىپ تۈرىگە خېرىدار چاقىرىش خىزمىتىنىڭ تاماملىنىشى، بۇ تۈرلەردە پات يېقىندا ئىش باشلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغان بولۇپ، بۇ يىل ئىچىدە تاماملىنىپ ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلىدىغانلىقى پىلانلانغان.
بۇ تۈرلەر ۋىلايەت، شەھەرنىڭ نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرى بولۇپ، قۇرۇلۇش نۇقتىلىرى ئاقسۇ شەھىرىدىكى تۆت يېزا، ئىككى بازار، يەنى بەشتۈگمەن يېزىسى، ئىگەرچى يېزىسى، توپلۇق يېزىسى، قۇمباش يېزىسى، ئايكۆل بازىرى، قاراتال بازىرىدا ئىكەن، جەمئىي 400 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان بولۇپ، ئاساسلىق قۇرۇلۇش مەزمۇنى ئوقۇتۇش بىناسى، ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىناسى، ئاشخانا، ھاجەتخانا، مۇنچا، تەنھەرىكەت مەيدانى ۋە قوشۇمچە قۇرۇلۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
بۇ تۈرلەر ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئاقسۇ شەھىرىدىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپلىرىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتى ئۈنۈملۈك ياخشىلىنىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مۇستەھكەملىنىش نىسبىتى ۋە شەھەر-يېزىلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشتىكى تەڭپۇڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىكەن.