تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى داۋاملىق بەس - بەستە پۇل ئىئانە قىلىپ مېھىر - شەپقەت يەتكۈزدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى داۋاملىق پائال پۇل ئىئانە قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى قوللىدى. 3 - ئاينىڭ 7 - كۈنىگىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 1 مىليون 433 مىڭ پارتىيە ئەزاسى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن پۇل ئىئانە قىلىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىش، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى يېڭىشنىڭ قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدا پۇل ئىئانە قىلىشقا قاتناشقان پارتىيە ئەزالىرىدىن ئورگان، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر، شۇنداقلا ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلاردىكى خادىملار بار؛ دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم يولداشلار، شۇنداقلا ئەمدىلا خىزمەتكە قاتناشقان ياشلارمۇ بار. ئۇلار مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە ياردەم بېرىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ساقلايدىغان، بۇرچنى زىممىگە ئالىدىغان ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق نامايان قىلدى.

كومپارتىيە ئەزاسى لياڭ فېڭ قابا ناھىيەسىدىكى بىر يەككە تىجارەتچى بولۇپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان پۇل ئىئانە قىلىپ ئوقۇشقا ياردەم بېرىش ۋە نامراتلارنى يۆلەش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنىدى. يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، لياڭ فېڭ شۇ ھامان 10 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلدى. «ئەينى يىللىرى ئىگىلىك تىكلىگەن چاغلىرىمدا، نۇرغۇن كىشى ماڭا ياردەم قولىنى سۇنغانىدى، ھازىر مېنىڭ بىر قىسىم قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرگە ياردەم بېرىشكە قۇربىم يېتىدۇ، شۇڭا تېخىمۇ كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشۇم كېرەك» دېدى لياڭ فېڭ.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۇل ئىئانە قىلىش چاقىرىقىنى چىقارغاندىن كېيىن، يوپۇغا ناھىيەسى يەكشەنبە بازار بازىرى چاقىلىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئاتىگۈل ئەيسا بىرىنچى ۋاقىتتا پارتىيە تەشكىلاتىغا 1500 يۈەن ئىئانە قىلدى. بۇلتۇر 8 - ئايدا، ئاتىگۈل شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىردى، ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن پارتىيەنىڭ يېتەكچىلىكىدە نامرات ئائىلە قالپىقىنى تاشلاپ، بېيىش يولىغا ماڭدىم، ھازىر مەنمۇ بىر كىشىلىك كۈچ قوشۇپ، پۇل ئىئانە قىلىش ئارقىلىق شىنجاڭ خەلقىنىڭ مېھىر - شەپقىتىنى ئىپادىلەيمەن».

پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىمۇ كۈچىنىڭ يېتىشىچە پۇل ئىئانە قىلىپ، كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئالىيجاناب مەنزىلى ۋە يۈكسەك مېھىر - مۇھەببىتىنى نامايان قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ باشلامچىلىق بىلەن پۇل ئىئانە قىلغانلىق خەۋىرىنى كۆرگەندىن كېيىن، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئارخىپخانىنىڭ دەم ئېلىشقا چىققان كادىرى ليۇ كېچىن تەشەببۇسكار بولۇپ پارتىيە تەشكىلى بىلەن ئالاقىلىشىپ، 20 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى قوللىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن ياشىنىپ قالدىم، بىرىنچى سەپكە بارالمايمەن، لېكىن مەن ۋە ئائىلەمدىكىلەرنىڭ مېھىر - مۇھەببىتىنى بىرىنچى سەپكە يەتكۈزۈپ، بالىلارنىڭ غەلىبىلىك جەڭ قىلىشىنى قوللايمەن».

بىر ياچېيكا بىر قورغان، بىر پارتىيە ئەزاسى بىر بايراق، بىر قېتىملىق پۇل ئىئانە قىلىش بىر خىل مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش... كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈرۈشتى: بىر نىيەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جەڭ، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى