تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

ئۆيدە ئولتۇرۇپ كەشتە تىكىپ، بېيىش يولىنى ئۈزۈپ قويماسلىق

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز شېن زۇشياۋ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋاڭ ۋېن خەۋىرى، فوتوسى): 2-ئاينىڭ 7-كۈنى، قومۇل شەھىرى ئەر كەشتىچىلەر قولدا كەشتە تىكىش كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى قادىر راخمان ئۆزىگە ئەگەشكەن كەشتىچى قىز-يىگىتلەر بىلەن تېلېفوندا يېڭى زاكاز تالونلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش بىلەن ئالدىراش بولدى. «گەرچە ھازىر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلى بولسىمۇ، ئەمما بىزنىڭ ئۆيدە ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىشىمىزغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، ئىشلەپچىقىرىشىمىزغا، يۇرتداشلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تېخىمۇ تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.» قادىر راخمان شۇنداق دېدى. نۆۋەتتە، قومۇلدىكى كەشتىچى قىز-يىگىتلەر ئۆيلىرىدە ئولتۇرۇپ شىنجاڭ ئىچى ۋە ئىچكىرى رايونلاردىن كەلگەن سودىگەرلەرنىڭ زاكازلىرىنى تەييارلاۋاتىدۇ.

  بۈگۈنكى كۈندە قومۇلدىكى كەشتىچى قىز-يىگىتلەرنىڭ قولىدا قەدىمىي كەشتىچىلىك ھۈنىرى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلماقتا، قومۇل كەشتىچىلىكى باش تېما قىلىنغان مىڭدىن ئارتۇق مەدەنىيەت مەھسۇلاتى شۇ جاينىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىدىكى ئەڭگۈشتەرگە، شۇنداقلا گۈزەل شىنجاڭنى تەشۋىق قىلىشتىكى نام كارتىسىغا ئايلاندى.

  «رەيھانگۈل، سىزنىڭ ئالدىنقى تۈركۈمدىكى زاكاز كىرىمىڭىز 2700 يۈەن، مەن ئۈندىدار ئارقىلىق سىزگە ئەۋەتىپ بەردىم، تەكشۈرۈپ ئېلىۋېلىڭ...» 2-ئاينىڭ 7-كۈنى، قادىر راخمان بىلەن رەيھانگۈل ئابلېلىم كۆرۈنمە چاستوتا ئارقىلىق كەشتە زاكاز قىلىش ئىشى توغرىسىدا پىكىرلەشتى.

  «ماڭا يەنە بىر تۈركۈم زاكاز كەلدى، ياستۇقنىڭ سىرتقى قېپى، ئىلگىرىكىگە ئوخشاش، بىرسىنى كەشتىلىسەك 30 يۈەن، سىز قانچە دانە قاپ ئالىسىز، مەن سىلەرنىڭ كەنت ئاھالە كومىتېتىڭلاردىكى كادىرلار ئارقىلىق يەتكۈزۈپ بېرەي...» قادىر راخمان كۆرۈنمە چاستوتىدا رەيھانگۈل ئابلېلىمدىن شۇنداق سورىدى.

  كۆرۈنمە چاستوتىدا پىكىرلىشىش جەريانىدا، قادىر رەيھانگۈلنىڭ سىرتقا ئاز چىقىشىنى، ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىشىنى، ھەر كۈنى ئۆيىنى دېزىنفېكسىيەلەشنى، سىرتقا چىققاندا ماسكا تاقاشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقنى ئەسكەرتتى.

  قادىر راخماننىڭ ئانىسى بىلەن ئاچىسى كىيىم تىككۈچى بولۇپ، كىچىكىدىنلا ئانىسى ۋە ئاچىسىنىڭ تەسىرىدە، رەختلەردىن كىيىم لايىھەلەشنى ياخشى كۆرۈپ قالغان، كېيىن ئۇلار قوبۇل قىلغان نۇرغۇن ئىشلارنى ئۇ قەغەز قىيما قىلىپ لايىھەلىگەن، ئاندىن ئانىسى بىلەن ئاچىسى كەشتىلەپ تاماملىغان.

  قادىر راخمان پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ھازىر 100دىن ئارتۇق كەشتىچى قىز-يىگىتتىن تەشكىللەنگەن كىچىك ئەترىتىم بار، مەن گۇاڭجوۋ ۋە سەنشىدە تەربىيەلەنگەندىكى سۈرەت ئەندىزىلىرىنى ئۇلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈپ، ئاندىن ئۇلارغا كەشتىچىلىك ئۇسۇلىنى ئۆگىتىمەن، كۆپچىلىك بىرلىكتە كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىمىز.»

  «قادىر راخمانغا كۆپ رەھمەت، ئۇ بىزنى بىرلىكتە ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلىدى.» كەشتىچىلىك قىلىۋاتقان رەيھانگۈل ئابلېلىم رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى : «ئۇ بىزنى زاكاز بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن، يەنە بىزنىڭ كەشتىلىرىمىزنىڭ مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا سېتىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ھەر يىلى كۆپچىلىكنى ئاز بولمىغان كىرىمگە ئىگە قىلدى، بۇ نەچچە كۈندە يەنە كۆرۈنمە چاستوتىدا بىزگە يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش توغرىسىدا ساۋات سۆزلەپ بېرىپ، كۆپچىلىكتىن ماسكا، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقىنىڭ يېتەرلىك ياكى يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى سوراپ تۇردى.»

  يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، قادىر راخمان تېلېفون، ئۈندىدار ئارقىلىق كەشتىچىلىك ئەترىتىدىكى كەشتىچى قىز-يىگىتلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئامال بار سىرتقا چىقىپ، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىنى يوقلىماسلىق، خىزمەتتە قانداق پىكىر ئالماشتۇرىدىغان ئىش بولسا، توردا ئالاقىلىشىشنى، كەشتىچى قىز-يىگىتلەرنىڭ كەشتە بۇيۇملىرىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، كەنت ئاھالە كومىتېتى ۋە مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ يىغىپ قادىرغا يەتكۈزۈپ بېرىشىنى قايتا-قايتا تاپىلىدى.

  «ئاممىنى بېيىشقا يېتەكلەش مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم، بىز يۇقۇمنىڭ ناھايىتى تېزلا ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز، لېكىن يۇقۇم  مەزگىلىدە بىزمۇ ئاكتىپ خىزمەت قىلىپ، كەشتىچى قىز-يىگىتلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز» دېدى قادىر راخمان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى