تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز شېن زۇشياۋ خەۋىرى): مەكتەپتە قالغان ئوقۇغۇچىلار ۋە جەمئىيەتتىكى باشقا كىشىلەرنىڭ پىسخىكىلىق قوغدىنىشىغا ياردەم بېرىش، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا پائال تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، 1-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن باشلاپ شىنجاڭدىكى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەر ئارقا-ئارقىدىن پىسخىكىلىق يېتەكلەش قىزىق لىنىيەسى ۋە توردا يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇپ، يۇقۇم مەزگىلىدە ئاممىنى تېلېفون قىزىق لىنىيەسى ۋە توردا پىسخىكىلىق يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.
نۆۋەتتە، پىسخىكىلىق يېتەكلەش ھەقسىز قىزىق لىنىيەسى ئاچقان ئورۇنلاردىن شىنجاڭ داشۆسى، شىخەنزە داشۆسى، شىنجاڭ سىفەن داشۆسى، شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد داشۆسى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى قاتارلىقلار بار.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئالىي مەكتەپلەر كەسپىي پىسخىكا مەسلىھەتچىلىرى ئەترىتىنى تەشكىللەپ، ھەر كۈنى توردا يەككە لىنىيەلىك پىسخىكا مەسلىھەتچىلىكى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا QQ توپىدا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بىلىملىرىنى ئېلان قىلغان.
«بۇ قېتىمقى يۇقۇم ئەھۋالى كۆپچىلىكنى جىددىيلەشتتۈردى ۋە تەشۋىشلەندۈردى، مەكتەپ قانات يايدۇرغان پىسخىكىلىق يېتەكلەش مۇلازىمىتى كۆپچىلىكنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشەپ، ناچار كەيپىياتقا ئىلمىي، توغرا تاقابىل تۇرۇشىنى مەقسەت قىلىدۇ» دېدى شىخەنزە داشۆسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى.
شۇنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىزكى، پىسخىكىلىق يېتەكلەش قىزىق لىنىيەسى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىدىن تەشۋىشلىنىش كەيپىياتى پەيدا بولغان كىشىلەرگە قارىتىلغان. مەسلىھەت بېرىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:
شىنجاڭ داشۆسى:
مۇلازىمەت ۋاقتى: 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن ئوقۇش باشلانغۇچە
ھەركۈنى چۈشتىن بۇرۇن: 13:00-10:00
چۈشتىن كېيىن: 20:00-15:00
- پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش ۋە QQدا يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمەت نومۇرى: QQ: 2581381466 (ئاۋازلىق ياكى يېزىقچە 50-30 مىنۇتقىچە مەسلىھەت بېرىلىدۇ)
- ئېلخەت ئارقىلىق مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى: xjdxxlzx@163.com
شىخەنزە داشۆسى:
مۇلازىمەت ۋاقتى: ھەركۈنى 22:00-10:00
پىسخىكىلىق ياردەم بېرىش قىزىق لىنىيەسى: 1810993588
شىنجاڭ تېببىي داشۆسى:
مۇلازىمەت ۋاقتى: ھەركۈنى چۈشتىن بۇرۇن 13:00-10:00
چۈشتىن كىيىن 20:00-15:00
QQ مەسلىھەت سوراش نومۇرى: 1576768551 :QQ
ئۈندىداردا مەسلىھەت بېرىش: «新疆医科大学学工部» ئۈندىدار نومۇرىدا سۆز قالدۇرۇش
شىنجاڭ سىفەن داشۆسى:
مۇلازىمەت ۋاقتى: دۈشەنبىدىن جۈمەگىچە
ئۈندىداردا مەسلىھەت بېرىش: «新师心理健康中心» ئۈندىدار نومۇرىدا سۆز قالدۇرۇش
توردىكى پىسخىكا مەسلىھەتچىسى شۇ كۈنى سائەت 20:00دىن بۇرۇن جاۋاب قالدۇرىدۇ
شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد داشۆسى:
مۇلازىمەت ۋاقتى: ھەركۈنى سائەت 19:00-10:00
تۆۋەنكى ئىككىلىك كودنى سكاننېرلاپ ئۈندىدار توپىغا كىرسىڭىز بولىدۇ.
شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى
مۇلازىمەت ۋاقتى: ھەركۈنى سائەت 20:00-10:00
يىراقتىن پىسخىكا جەھەتتە مەسلىھەت بېرىش: QQ ئارقىلىق ئالاقىلىشىش
لىن مۇئەللىم QQ: 79471422، ئېلخەت ئادرىسى: 79471422@qq.com
خەي مۇئەللىم QQ:704847542، ئېلخەت ئادرىسى: qq.com@ 704847542