تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن، پراكتىكانت خې يۈتىڭ) بۈگۈن شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا تۈنۈگۈنكىدىن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالى قاتارلىق قىسمەن رايونلاردا ئازراق قار ياغىدۇ، تاغلىق رايوننىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال قار ياغىدۇ؛ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شەرقى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبى، قاراماي شەھىرى، شىخەنزە شەھىرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئۇدا تۇمانلىق ياكى قارلىق ھاۋا رايى كۆرۈلىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۈگۈن بۇلۇتلۇق ياكى تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃12-، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃3- بولىدۇ، ئۈچ بال شامال چىقىدۇ.
بۈگۈن تۇمانلىق ياكى قارلىق ھاۋارايىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرى: G30 ،G312 لىنىيەسىنىڭ جىڭدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان بۆلىكى، G216 لىنىيەسىنىڭ ئۈرۈمچىدىن داخۇاڭشەنگىچە بولغان بۆلىكى، G7 ،G217 لىنىيەسىنىڭ قارامايدىن كۈيتۈنگىچە بولغان بۆلىكى، G3014 لىنىيەسىنىڭ قارامايدىن كۈيتۈنگىچە بولغان بۆلىكى، G3015 لىنىيەسىنىڭ قارامايدىن كۈيتۈنگىچە بولغان بۆلىكى.